ئۇيغۇر تىلى تىللاردا داستان

0:00 / 0:00


بارلىق ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى بۇ ئەھمىيەتلىك كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن مۇبارەكلەيمىز. ئۇيغۇر ئانا تىلىمىز بولغاچقىلا ئارىمىزنى دېڭىز، ئوكيانلار ئايرىپ تۇرسىمۇ، ئانا تىلىمىزدا تارقاتقان ھەر بىر يۈرەك تىۋىشىمىز ئاۋاز دولقۇنلىرىنى كېمە قىلىپ ئەركىن ھالدا ھەر بىر ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا يېتىپ بارالايدۇ. ئانا تىل بولغاچقىلا بىز بىر - بىرىمىزنىڭ بەخت، قايغۇ، ئۈمىد ۋە ھەسرىتىگە ھەمدەمدە بولۇپ تۇرۇپتىمىز شۇنداقلا مۇشۇ ئانا تىلىمىز بولغاچقىلا خەلقىمىزگە ھەم ئاز - تولا خىزمەت قىلىپ تۇرۇپتىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قەدىرلەش ئېڭى خېلى بۇرۇنلا ئويغانغان. بۇنى، ئوخشىمىغان دەۋىرلەردىكى ئۇيغۇر شائىر، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلغا بېغىشلانغان ئاجايىپ شىېئىر، داستان، دۇردانە ۋە بەدىئىي ئەسەرلىرىدىنمۇ كۆرۈپ ئالغىلى بولىدۇ شۇنداقلا بۇ تۇيغۇ بارغانچە كۈچەيمەكتە. نۆۋەتتە ئانا تىل كۈنىگە بېغىشلاپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر شائىرلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىغا ئاتاپ يازغان مۇكەممەل مىسرالىرىدىن دەستە تىزىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمىز.

بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى، بەھر ئالغايسىلەر.