چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە
2016.02.23

21-فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ كۈننى ھەر خىل شەكىلدە خاتىرىلىدى. بولۇپمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى تور بەتلەردە ئانا تىل ھەققىدە بىر قىسىم ماقالە ۋە كۆز قاراشلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
نۆۋەتتە، چەتئەلگە چىقىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ تىلىنى ئۇيغۇر تىلىدا چىقىرىش ھەمدە ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلەيدىغان، ئوقۇپ- يازالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ باش قاتۇرىدىغان مەسىلىسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئەربابلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلات، جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن ئېچىلغان ئۇيغۇر تىلى كۇرسلىرىغا ھەپتىدە بىر قېتىم ئاپىرىپ قويۇش بىلەن ئويلىغاندەك نەتىجە بەرمەيدىغانلىقى، ئائىلىنىڭ بالىلار ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ ئىكەنلىكىگە سەل قاراش ئەھۋالى مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلنى ياخشى بىلمەي چوڭ بولۇپ، ئاخىرىدا ئۆز مىللىي تىل كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى خەدىچە خانىم ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ ئانا تىلنى ئۆگىنىشىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ چەتئەللەردە ساقلىنىپ قېلىشى ۋە راۋاجلىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى چەتئەللەردە ئانا تىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە تەدبىرلىرى ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، چەتئەللەردە ئانا تىل ئوقۇتۇشتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن پەرقلىق ئۇسۇلدا تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۆزىنىڭ «بالىلارغا ئېلىپبەنى ئۆگەتكەندە باشتا يېزىشنى تەكىتلىمەي، كۆپرەك ئوقۇش ۋە ئاڭلاشنى ئاساس قىلىش، بالىلارنى دىندا ئوقۇتۇشتا ئايەتلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى قوشۇپ يادلىتىش، ھەم دىندا، ھەم ئۇيغۇرچىدا تەڭ تەربىيەلەش، چوڭلار يىغلىشىغىمۇ بالىلار ئۈچۈن ئايرىم پائالىيەت سورۇننى ھازىرلاپ بېرىش، ئانا تىلدىكى لەتىپە، ئىتوتلارنى كۆپ كۆرسىتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى تولۇقلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش» دېگەندەك تەۋسىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ياپونىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، چەتئەللەردە پەرزەنتلەرگە ئانا تىل ئۆگىتىشنىڭ كۆپ جەھەتتىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئۆز مىللىي تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردىكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ باشلىق ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا بولغان قىزغىنلىقى پەقەت يىلىدا بىر كېلىدىغان «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» بىلەنلا چەكلىنىپ، شۇ كۈندىلا ياد ئېتىلسە، باشقا كۈنلەردىمۇ، دائىم ئەھمىيەت بېرىلمىسە، ئالاقە ۋە تەپەككۇرنىڭ ئاساسى بولغان ئۆز ئانا تىل كۈندىلىك مۇھىم ئىشلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالالمىسا، ئۇيغۇر تىلى قەدەممۇ-قەدەم چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالاقە قورالى قىلىنماي قېلىشى ۋە بارا-بارا ئىستېمالدىن قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.