«قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغىچە» ناملىق كىتاب تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە نەشىردىن چىقتى. كىتاب تونۇلغان ئۇيغۇر تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانوپنىڭ 85 ياشقا توشقانلىقىغا ئاتاپ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق يېزىلغان:
قەدىمدىن بۈگۈنگىچە مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش نۇرغۇن ئالىملەر يېتىشكەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەردىن بىرى مىرسۇلتان ئوسمانوپتۇر. قەدىمقى تۈركچە، قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن ئەسەر يازغان مىرسۇلتان ئوسمانوپ بۇ يىل 85 ياشقا كىردى. مىرسۇلتان ئوسمانوپقا 2014-يىلى تۈرك كۈلتۈرىگە خىزمەت قىلىش ۋەقپى تۈرك تىلى تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن مېدال بەردى. مىرسۇلتان ئوسمانوپنىڭ 85 ياشقا توشقانلىقىغا بېغىشلاپ نەشىر قىلىنغان بۇ كىتابقا ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى كىرگۈزۈلدى.
ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان 385 بەتتىن تەركىپ تاپقان بۇ كىتابقا ئۇيغۇرچە، تۈركچە، نېمىسچە، ئىنگىلىزچە ۋە خىتايچە ماقالىلار كىرگۈزۈلگەن.
كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى ئايسىما مىرسۇلتان خانىم، تۈركىيە ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئەرقان ئايدىن ئەپەندى ۋە مېھرىبان تۇرسۇن ئايدىن خانىملار قىلغان. بىز تونۇلغان تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانوپ ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ چىقىرىلغان كىتاب ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوپنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن گېرمانىيەدىكى گېئوتىڭگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئابلەت سەمەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، مىرسۇلتان ئوسمانوپنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىپ، 2013-يىلى بېرلىنگە كېلىپ ئىككى ئاي تۇرۇپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نېمىسلار ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېلىپ كەتكەن قەدىمقى ئۇيغۇرچە ۋە چاغاتايچە تېكىستلارنى رەتلەش خىزمىتىگە قاتناشقانلىقىنى، 85 ياشقا كىرگىنىگە قارىماي ئىلمىي تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.