قازاق شائىرى دائۇلېتبېك بايتۇرسىن ئوغلى: ھايات بىزنى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە مۇمكىنچىلىك بەردى

0:00 / 0:00

قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدىن مىڭلىغان قازاق پۇقرالىرى بىلەن بىر قاتاردا زىيالىيلارمۇ كۆچۈپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىگە ئورۇنلاشتى.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن بىللە ياشىغان، ئوقۇغان، خىزمەت قىلغان ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى دائۇلېتبېك بايتۇرسىن ئوغلى ھازىر ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيىسىدە ئىستىقامەت قىلماقتا. ئۇ 1964-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. مەكتەپتە ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى تەرجىمانلىق ئىشلىرىنى باشلىغان. د. بايتۇرسىن 1994-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، مۇشۇ كۈنگىچە يازغۇچىلىق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا.

د. بايتۇرسىن قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، بىر نەچچىلىگەن شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ ئاپتورى. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇنى تالانتلىق تەرجىمان، قازاق-ئۇيغۇر دوستلۇقىنىڭ ئاكتىپ ۋەكىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ياخشى تونۇيدۇ.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شائىر د. بايتۇرسىن ئۆز ھاياتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۇتقان ئورنى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.