تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى شېراتون مېھمانخانىسىدا چاقىرىلغان «تۈركىي تىللىق مىللەتلەر قۇرۇلتىيى» دا ئۇيغۇر، ئەزەربەيجانلىق ۋە تۈرك مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر تىلى، يېزىقى، ئەدەبىياتى توغرىسىدا 10 پارچىدەك ئىلمىي دوكلات ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەسىلىلىرى مۇھىم مۇھاكىمە تېمىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.
مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، گېرمانىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، ياپونىيە، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولۇپ 360دەك تەتقىقاتچى قاتناشتى.
13-نويابىردىن 16-نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلى، يېزىقى ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئەللەردىكى تۈركولوگلار ماقالە ئوقۇدى.
بىز نەق مەيدانغا بېرىپ، تۈركولوگلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىشىنىڭ دىن ۋە ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ، يەنە ئۆز دوكلاتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور مەغپىرەت كامال ئەپەندى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «تۈركىي تىللىق مىللەتلەر قۇرۇلتىيى» دا تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ تۈرك تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ يىلنىڭ بېشىدا 2017-يىلىنى «تۈرك تىلى يىلى» ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ يەردىكى «تۈرك تىلى» ئاتالغۇسى دۇنيادىكى پۈتۈن تۈركىي تىللارنى كۆرسىتىدۇ. ئەزەربەيجان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات كافېدراسى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور رامىز ئاسكەر ئەپەندى «تۈرك تىلى يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2017-يىلى تۈرك تىلى يىلى ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق بىر يىغىن چاقىرىلدى. 360 كىشى ئىلمىي دوكلات سۇندى. مەن ئەزەربەيجاندا تۈركولوگىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى ماۋزۇلۇق 10 بەتلىك دوكلاتىمنىڭ 4 بېتىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇردۇم. ئورخۇن ئابىدىسى، تۇرپان تېكىستلىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى توغرىسىدا ئەزەربەيجاندا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى، ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا ئەزەربەيجاندا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى ئاڭلاتتىم. سىزگىمۇ مەلۇم مەن تۈركىي ‹تىللار دىۋانى› نى ئەزەربەيجان تىلى بىلەن رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلدىم. بۇ ھەقتە كۆپ ساندا كىتاب ۋە ماقالەم نەشر قىلىندى.»
دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىلىم ساھەسىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
«تۈركىي تىللىق مىللەتلەر قۇرۇلتىيى» نى تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى بىلەن يېڭى تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر ئىنستىتۇت ھازىرغىچە ماقالىلەر توپلاملىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالىغا ئورۇن بەردى.
0:00 / 0:00