8-ئاينىڭ 21-22-كۈنلىرى ئۇيغۇرلار گېرمانىيەنىڭ كارلسۇھې شەھىرىدە جەم بولۇپ خەلقئارالىق مەشرەپ ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 40 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
مەشرەپنى 10 يىلدىن بېرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىزچىل ھالدا مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان چوڭلار مەشرىپى گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان. يىگىت بېشى ئۇيغۇر قىزىقچى ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە بۇ يىلقى مەشرەپ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تۆھپە قوشقان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنى بولغان مەشرەپنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئىككى كۈن داۋاملاشقان مەشرەپكە پاششاپ ئىليار ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەشرەپتە ياۋروپا ناۋا ئۇيغۇر سەنئەت ئانسامبىلى ئۇيغۇر مۇزىكا، ناخشىلىرىدىن ئۆرنەكلەر سۇنۇپ مەشرەپ ئەھلىنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشتى. بىز نەق مەيداندا مەشرەپ ئەھلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بۇ مەشرەپنى ئۇيۇشتۇرغان كىشىلەردىن بىرى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ۋەتەن دەۋاسى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىش مەقسىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق. بىز دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدىن جاپاكەش ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلغان بولساقمۇ، كۆپى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلەلمىدى. مەشرەپ ئىككى كۈندىن بېرى ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ. ۋەتەن مىللەت توغرىلىق، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، ھەرقايسى جەھەتلەردىن ياخشى گەپ-سۆزلەر بولۇۋاتىدۇ. ناخشا-مۇزىكىلار بولۇۋاتىدۇ. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە مېھمانلار بەك خۇرسەن بولغاندەك تۇرىدۇ.
بۇ مەشرەپنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى نېمە؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
چەتئەلدىكى ياشلىرىمىزنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنىمۇ مەنىۋى جەھەتتىن تەربىيەلىشىمىز كېرەك. ۋەتەن سىرتىدىكى ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزنى جانلاندۇرۇشىمىز كېرەك. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى كۈچلەندۈرۈشىمىز كېرەك. شۇڭا بىزنىڭ مەشرەپلىرىمىز ئۇنىۋېرسال شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋەتەندىكى زۇلۇم ئاڭلىتىلىدۇ. قانداق يول تۇتىشىمىز كېرەك بۇ ھەقتە گەپ-سۆزلەر بولىدۇ. دىنىي تەبلىغ سۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن چىرايلىق يۇمۇرىستىك گەپلەر بىلەن كۈلۈپ روھىي كەيپىياتىمىزنى تەڭشەيمىز. مەشرەپ پەقەتلا مۇزىكا-كۈلكىدىن ئىبارەت ئەمەس، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور بىر سەنئەت شەكلى ھېسابلىنىدۇ.
مەشرەپتە پاشاپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئىليار ئەپەندى ئالدى بىلەن بىزگە مەشرەپ توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
مەشرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا بەكمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بىزدە «بالاڭنى ئالدى بىلەن مەشرەپكە بەر، ئۇنىڭدىن قالسا مەكتەپكە» دەيدىغان بىر گەپ بار. بىز ئۇزۇن يىللىق مۇستەملىكە تارىخىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى، سەنئەتچىلىرىمىزنى ھەر قانداق ھۆكۈمەتكە تايانمىغان ھالدا يېتىشتۈرۈپ كەلگەن. مەسىلەن ھىسام قۇربانغا ئوخشاش داڭلىق سەنئەتكارلار مەشرەپلەردە يېتىشكەن. مەشرەپ بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشتا ئىككىنچى مەكتەپلىك ئىككىنچى ۋەتەنلىك رولىنى ئوينايدۇ.
ئىليار ئەپەندى مەشرەپنىڭ قانداق ئوينىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن مەشرەپنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
مەشرەپتە بىز ۋەتەندىن ئېلىپلا چىققان ئانا تىل بار، ئۆرپ-ئادەت بار، قالايمىقان سۆزلەر يوق. چاق-چاقلاردا كىشىلەرنىڭ ئەيىبى ئېچىلمايدۇ. بۇ يەردە بىر ئەخلاق بار. بۇ ئەخلاق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدىكى مىللىي ئەخلاقتۇر. بۇ مەشرەپنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئانا تىلنى بىلىش كېرەك. شۇڭا ياۋروپادا چوڭ بولغان ئۇيغۇر ياشلار مەشرەپكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئانا تىلىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ.
مەشرەپكە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى بولغان ئەنۋەر ئەپەندى بۇ مەشرەپنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.