يېقىنقى زامانلاردا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىدىغان تۈركلەرنىڭ سانى ئاشماقتا. ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان تۈركلەر تۈركىيىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەسىراتلارنى يىغىن، كىتاب يېزىش، ئاممىۋى ئاخباراتلاردا ئاڭلىتىش ئارقىلىق تۈرك خەلقى بىلەن ئورتاقلاشماقتا. بۇلاردىن بىرى ئىستانبۇلدىكى بىر جامائەت گۇۋاھلىقى مەركىزىنىڭ باشلىقى ھامدى ئۆزدامار ئەپەندىدۇر.

ھامدى ئۆزدامار ئەپەندى، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنى ساياھەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، تۈركىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ھەرخىل يوللار بىلەن ئاڭلاتماقتا. ئۇ بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن مەڭگۈ بىرلىكتە ياشىيالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتايلارنىڭ ئېتنىك مەركەزچىلىك ئىدىيىسى تولىمۇ كۈچلۈك بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى بېرىش بىر ياقتا تۇرسۇن، بارغانسېرى تارتىۋېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
-مەن بىر ژۇرنالدىمۇ ئېلان قىلدۇردۇم، شەرقىي تۈركىستان ھازىر خىتاينىڭ رەسمىي تېررىتورىيىسى ئىچىدە. بۇ ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان. ئەمما، شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈركىي خەلق. ئۇ يەر تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنىدۇر. ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ ئىرقى جەھەتتىن خىتايلار بىلەن ھېچقانداق يېقىنلىقى يوق. دىنىي جەھەتتىنمۇ ئوخشاشلىقى يوق، كۈلتۈرىمۇ ئوخشىمايدۇ. زېمىنىمۇ خىتاي رايونلىرىدىن ئايرىم. ئۆز ئالدىغا تېررىتورىيىسى بار. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۆزمۇ ئۆز تۈرك قوۋمىنىڭ خىتايلار بىلەن ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ كۈرەش بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدۇ. خىتايلار ئېتنىك مەركەزچىلىك ئىدىيىسى تولىمۇ كۈچلۈك بىر مىللەت. شۇڭا ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن بىللە ياشىيالمايدۇ.
ھامدى ئۆزدامار ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
-سىزمۇ بىلىسىز، ھازىر ئاممىۋى ئاخبارات تولىمۇ تەرەققىي قىلدى. مەن فاچەبووك بېتىمدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بارلىق دوستلىرىمغا تارقىتىمەن. قاتناشقان ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىمدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوقۇم مۇستەقىل دۆلەت بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئافرىقىدىكى قەبىلە مىللەتلىرىنىڭمۇ دۆلىتى بارلىقىنى، دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭمۇ مۇستەقىل دۆلىتى بولۇش كېرەكلىكىنى تەرغىب قىلىمەن.
ئۆزدامار ئەپەندى تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي دۆلىتى تەۋەسىدە ئىكەنلىكىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىرقىي ۋە كۈلتۈر جەھەتتىن بىز بەك يېقىن. مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملىرى بىزنىڭمۇ ئاتىمىز. ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتە شۇلارنى قىلىشىمىز لازىم، كۈلتۈر جەھەتتىن مۇناسىۋىتىمىزنى قويۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل مەدەنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم. تۈركىيىدىكى شەھەرلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى غۇلجا، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، كورلا، ئۈرۈمچى، قاراماي، مايتاغ، بورتالا، قۇمۇل، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن قېرىنداش شەھەر قىلىشىمىز لازىم. بۇ يەرگە ئۇ يەردىن ئوقۇغۇچىلار كۆپلەپ كېلىشى كېرەك.
ھامدى ئۆزدامار ئەپەندى سۆھبەت ئاخىرىدا قەشقەردىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس خاتىرىسىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:
-ھېيتگاھ مەيدانىدا بېشىغا تۇماق كىيىۋالغان بىر ئادەمنى كۆردۈم. ئافغانىستاندىكى تۈركمەن جەمئىيىتى رەئىسى سالمان ئەپەندى بىلەن شۇ يەرنى كېزىۋاتقان ئىدۇق. «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم، بىز تۈركىيىلىك» دېيىشىمىز ھامان، ئۇ ئادەم بىزگە قاراپ، «قەشقەر خاراب، قەشقەر خاراب، سىلەر نەدە» دەپ كەتتى. بۇنى ئاڭلاپ تۈگىشىپلا كەتتىم. تۈركىيە ئۇلارنىڭ ئۈمىد نۇرىغا ئايلىنىپتۇ. ئۇلار تۈركىيىدىن ياردەم كۈتمەكتىكەن. بۇندىن باشقا يەنە، قەشقەر تۈركىيىنىڭ كونيا، قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىنىڭ بۇرۇنقى ھالىغا ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدىكى، رېمونتخانىنىڭ يېنىدا ساتىراشخانا، ماشىنىچىخانىنىڭ يېنىدا چالغۇ ئەسۋابلار دۇكىنى، ئىشقىلىپ بازارنىڭ ھەممىلا يېرى مېنىڭ كىچىك چاغلىرىمدىكى يۇرتۇمغا ئوخشايدىكەن. مال بازىرىدىكى ھالاللىق تىلىشىپ، سودىدا پۈتۈشلەردىن تارتىپ تۈركلەرنىڭ دەل ئەينى.