تارىخچى ئابلەھەت كامالوف موڭغۇلىيەدە تېپىلغان ئۇيغۇر يادىكارلىقى ھەققىدە توختالدى
2017.03.22
مەلۇمكى، قەدىمىي ئۇيغۇرلار ماكان ئەتكەن ئەللەرنىڭ بىرى ھازىرقى موڭغۇلىيە تېررىتورىيىسى بولۇپ، بۇ يەردە تارىخىي ۋە مەدەنىي ئەھمىيەتكە ئىگە يادىكارلىقلارنىڭ تېپىلىشى داۋام قىلماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 2009-يىلى تېپىلغان «شوروئون بۇمباگار» قورغىنىدۇر. بۇ يادىكارلىقنى موڭغۇل ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە قازاقىستانلىق تارىخچى، «قەدىمىي ئۇيغۇرلار: 8-ۋە 9-ئەسىرلەر» ناملىق ئەمگەكنىڭ ئاپتورى ئابلەھەت كامالوفمۇ تەتقىق قىلماقتا. ئۇ مەزكۇر قەبرىنىڭ تاش تاختىسىدا ئويۇلۇپ يېزىلغان خىتاي تىلىدىكى تېكىستنى ئوقۇپ، ئۇنى چۈشەندۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان.
ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، پروفېسسور ئابلەھەت كامالوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى. «تارىختىن ياخشى مەلۇمكى، 8- ۋە 9-ئەسىرلەردە موڭغۇلىيە تېررىتورىيىسى ئۇيغۇر قالغانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان ئىدى. 19-ئەسىردىن تارتىپ ئالىملار بۇ يەردە كۆچمەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يارىتىلغان كۆپلىگەن يادىكارلىقلارنى ئىزدەپ تېپىشقا باشلىدى. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر شەھەرچىلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر پايتەختى قارابالاساغۇننىڭ خارابىلىرى، تاشقا ئويۇلۇپ يېزىلغان رۇنىكىلىق تېكىستلار، شۇنداقلا كۆپلىگەن ماددىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئۇچرايدۇ. يېقىندا موڭغۇل ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن يېڭى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرى ئېچىلدى. ئەنە شۇنداق يادىكارلىقلارنىڭ بىرى ھەققىدە موڭغۇل ئالىملىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «قەدىمىي كۆچمەنلەرنىڭ قەبرىلىرى» ناملىق كىتابتا ئېيتىلغان. ئۇنىڭدا ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا تېپىلغان چوڭ بىر يادىكارلىق ھەققىدە ھېكايە قىلىنىدۇ. بۇ، شوروئون بۇمباگار، موڭغۇلچە «تۇپراقتىكى دۆڭ» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، شۇ ناملىق يەردە دەپنە قىلىنغان ئۇيغۇر قەبىلىسى داھىيسىنىڭ قەبرىسى. بۇ جاي موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتوردىن تەخمىنەن 300 كىلومېتىر غەربتىكى مەركىزىي موڭغۇلىيە ئايمىقىدا ئورۇنلاشقان.»
ئا. كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، شوروئون بۇمباگار قورغىنى 2009-يىلى موڭغۇل پروفېسسورى ئوچىر باشقۇرغان بىرلەشكەن رۇسىيە-موڭغۇل ئېكىسپېدىتسىيەسى تەرىپىدىن ئېچىلغان ۋە تەتقىق قىلىنغان. مەزكۇر قورغاندا بۆگۈ ئۇيغۇر قەبىلىسى داھىيسى يەرلەنگەن بولۇپ، ئۇ، ئۆز ۋاقتىدا موڭغۇلىيەنىڭ ئەڭ شىمالىي رايونلىرىنى ماكانلىغان. ئالىمنىڭ پىكرىچە، تاش تاختىدا ئويۇلۇپ يېزىلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر داھىيسى 678-يىلى ۋاپات بولغان. بۇ قەبرىدە مەرھۇمنىڭ سۆڭەكلىرى تېپىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، بۆگۈ قەبىلىسىدە ئۆلۈكلەرنى كۆيدۈرۈش ئەنئەنە ھېسابلانغان ئىكەن.
ئا. كامالوف مەزكۇر يادىكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ، موڭغۇلىيە تېررىتورىيىسىدە تېپىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئارخېئولوگىيىلىك يادىكارلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئادەملەرنىڭ ئۆرە تۇرغان ھەم ئاتتا ئولتۇرغان قىياپىتىنى تەسۋىرلەيدىغان كۆپ ساندىكى ياغاچ ۋە كېرامىكىلىق ھەيكەلچىلەرمۇ چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قەبرىنى تەتقىق قىلغان رۇسىيەلىك ئارخېئولوگ ئالېكسېي بۇرايېف قەبرىنىڭ ئىچكەركى بۆلمىسىدىن تېپىلغان ئىككى ئەڭ چوڭ ياغاچ ھەيكەلچىنىڭ ئەنە شۇ بۆگۈ قەبىلىسى داھىيسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئا. بۇرايېفنىڭ پىكرىچە، بۇ ھەيكەلچىلەر بىر-بىرىنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسى بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي دىنىي چۈشەنچىلىرىنى ئەكس ئېتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتىكى چۈشەنچىلەر بويىچە، بۇ ئىككى فىگۇرا ئۇ دۇنيادىكى ھاياتتا بىر پۈتۈن بولۇپ قوشۇلۇشى لازىم ئىكەن. ئا. بۇرايېف شۇنداقلا لايدىن ياسالغان فىگۇرىلارنىڭ كۆپىنىڭ بۆگۈ قەبىلىسى جەڭچىلىرىنى تەسۋىرلەيدىغانلىقىنى، بارلىق فىگۇرىلارنىڭ ئادەملەرنىڭ چىرايىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىمىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.»
ئا. كامالوفنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يادىكارلىقتىكى خىتاي تېكىستىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى شۇ دەۋردە بەزى كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ تاڭ ئىمپېرىيىسىگە بېقىندى بولغانلىقىدىن كېلىپ چىقسىمۇ، ئەمما، ئۇلار دائىم تاڭ ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە بولۇپ كەلگەن. مەسىلەن، 660-ۋە 663-يىللىرى ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي تاڭ ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەنمۇ ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى يۈز بەردى. خىتاي تېكىستلىرى شۇ ۋاقىتتىكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر قاغانلىرى ھۆرمىتىگە ئورنىتىلغان ئىدى. ئا. كامالوف شۇنداقلا كۆل تېكىن ۋە بىلگە قاغان ھۆرمىتىگە ئورنىتىلغان يادىكارلىقلاردىمۇ، شۇنداقلا قارابالاساغۇن يادىكارلىقىدىمۇ خىتاي تېكىستلىرىنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شوروئون بۇمباگار يادىكارلىقىدا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئابرۇيلۇق داھىيلارنىڭ بىرىگە ئاتاپ يېزىق پۈتۈلگەن. شوروئون بۇمباگار يادىكارلىقىدىكى مەلۇماتلار بۆگۈ قەبىلىسىدىكى داھىيلارنىڭ مۇھىم بىر شەجەرىسىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداق مەلۇماتلارنى باشقىمۇ يازما مەنبەلەردىن ئېنىقلاشقا بولىدۇ. مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ بۆگۈ قەبىلىسىدىن بولغان ئۈچ ئەۋلاد داھىيسىنىڭ ئىسمى مەلۇم ئىدى. 635-ۋە 678-يىللىرى ياشىغان بۆگۈ قەبىلىسىنىڭ داھىيسى ھەققىدىكى تەرجىمىھال مەلۇماتلىرى كۆپىنچە 7-ئەسىردە ئۆزلىرىنىڭ دالادىكى ھاكىمىيىتىنى يوقاتقان شەرقىي تۈركلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى تولۇقلايدۇ.
ئەمدى «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئا. كامالوف پەقەت مەركىزىي ئاسىيالا ئەمەس، بەلكى دۇنيا بويىچە تونۇلغان تارىخچىدۇر. ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە يېقىنقى زامان تارىخىغا ئائىت قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ز. كەرىموۋا مەزكۇر «شوروئون بۇمباگار» قورغىنى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «شوروئون بۇمباگار» يادىكارلىقىنىڭ ئېچىلىشى موڭغۇلىيە يېرىنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىغا باي ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. بۇ، ئەلۋەتتە، قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە بىلىمىمىزنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. مۇنداق يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىشقا رۇسىيەنىڭ بۇريات ئالىملىرىمۇ ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە. يېقىندا موڭغۇلىيەنىڭ تۈرك دەۋرىدىكى يادىكارلىقلىرى ھەققىدە كىتابنىڭ يورۇققا چىقىشى بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ. شوروئون بۇمباگار يادىكارلىقى كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئوخشاشلا دەپنە مۇراسىملىرىدىن پايدىلانغان، قەبرە بۇيۇملىرىغا ئىگە بولغان.»
ز. كەرىموۋا ئا. كامالوفنىڭ شوروئون بۇمباگار يادىكارلىقى بويىچە ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلارنى ئۆزىنىڭ تارىخىي مەنبەلەر بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتلىرى بىلەن تولۇقلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخىدىكى ئاق جايلارنى تولدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئا. كامالوفنىڭ قارىشىچە، بۇ يادىكارلىقتا تېپىلغان ئادەملەرنىڭ ھەيكەلچىلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا. شۇنداقلا ھەيكەلچىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراشەھەر، كۇچار ۋە تۇرپان شەھەرلىرىدىمۇ تېپىلغان. مۇنداق يادىكارلىقلار ھەققىدە چوڭ توپلام دۇنيا مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولسا، سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شوروئون بۇمباگار يادىكارلىقىدىن ئېلىنغان دەپنە فىگۇرىلىرى موڭغۇلىيە تېررىتورىيىسىدە تېپىلغان شۇنداق ھالەتتىكى تۇنجى فىگۇرىلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئا. كامالوف شۇنداقلا شوروئون بۇمباگار يادىكارلىقلىرىدىكى ئادەم فىگۇرىلىرى بىلەن 10-ۋە 11-ئەسىرلەردە تۇرپاندا تېپىلغان قەبرە فىگۇرىلىرى ئارىسىدا چوڭ ئوخشاشلىقنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇ فىگۇرىلارنى ئارىلاش موڭغۇل-ياۋروپا چىرايىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەم ئالدى تەرىپى ياپىلاق كەلگەن ئالاھىدە «ئۇيغۇر» قارا بۆكى بىرلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېريېزوۋسكىي رەھبەرلىكىدىكى رۇس ئېكىسپېدىتسىيىسى تەرىپىدىن تېپىلغان كۇچار قەبرە فىگۇرىلىرى ئارىسىدا جەڭچى ھەيكەلچىلىرىنى قۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن قېلىپلارنىڭ بارلىقىمۇ چوڭ قىزىقىش پەيدا قىلماقتا ئىكەن. بۇ شەرقىي تۈركىستان رايونلىرىنىڭ لايدىن ھەيكەل ياساش مەركەزلىرى بولۇپ كەلگەنلىكىگە ئاساس بولىدۇ.
ئالىمنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى يادىكارلىق بويىچە تەپسىلىي تەتقىقاتلار ھازىر ئىككى، يەنى تېكىستلەرنى مەنبەشۇناسلىق ئاساسىدا ئانالىز قىلىش ھەمدە قورغاندا تېپىلغان بۇيۇملارنى، بولۇپمۇ ئادەم ھەيكەلچىلىرىنى سېلىشتۇرما ئانالىز قىلىش يۆنىلىشلىرىدە ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈردۇر. بۇ ھەيكەلچىلەرنىڭ بارلىقى ھازىر ئۇلانباتوردىكى گ. دزانابازار نامىدىكى مۇزېيدا ساقلانماقتا.