ئۇيغۇر ياشلىرى كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن چەتئەللەردە سەرسان بولماقتا

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەل يۇرتىنى تەرك ئېتىپ چەتئەللەرگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ياشلار ئىگىلىمەكتە.

دېموكراتىك ئەللەردىن پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم، كەمسىتىش سىياسەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىر قىسمىدا ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بەزىلىرىنى قارشىلىققا زورلىماقتا ۋە يەنە بەزىلەرنى ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنى، ئائىلىسىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر قىلماقتا.

يېقىندا ئامېرىكا تۇپرىقىغا دەسسىگەن ئىككى ئۇيغۇر قىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ، ئەكسىچە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئىزدىشىگە، ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش يوللىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۆۋەتتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ئىككى ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.