تۈركىيەدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتىمۇ تارقىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر نېنىنى تۈركلەر ياخشى كۆرۈپ يېيىشىكە باشلىدى.
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتى ئۇيغۇرلار كۆپ شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، 1962-يىلى ئافغانىستان ئارقىلىق كەلگەن كۆچمەن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر مەھەللە بار ئىدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 100 ئائىلە ئۇيغۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن بۇ شەھەردە ئىككىنچى ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇلدى. بۇ مەھەللىگە جايلاشقان ئۇيغۇرلار تونۇر سېلىپ نان، سامسا يېقىپ سېتىشقا باشلىدى.
ھەتتا تۈرك ناۋايلارمۇ كېلىپ ئۇيغۇر نېنى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەن. بۇلاردىن باشقا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن كۇرس ئېچىلغان، كۇرستا قۇرئانى-كېرىم ۋە تۈركچە دەرسلىرى ئۆتۈلگەندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە كۆچۈشى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىلىدىكەن. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ مەھەللىگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇ يەردىكى مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ يەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنىڭ ئاستا-ئاستا خاتىرجەم بولۇشقا باشلىغانلىقىنى، تونۇرلار سېلىنىپ، ئىسسىق نان، سامسا سېتىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇيغۇر نېنىنى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، قەيسەرىدىكى تۈركلەرنىڭ ئۆچىرەت تۇرۇپ سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
نۇرجان قەھرىمان خانىم بولسا، قەيسەرىگە ئۇيغۇر نان كۈلتۈرىنىڭ كىرىشى بىلەن قەيسەرىدە ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى، تۈرك تېلېۋىزيەلىرىدە ئۇيغۇر نېنىنىڭ تونۇتۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلغەنى بېكىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا بۇ مەھەللىگە ئۇيغۇر سەتراچخانىسى، مەسچىت ۋە ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىمۇ ئېچىلىدىكەن. بۇ مەھەللە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كۈلتۈرىنى قوغداپ قېلىشىغا زور تۆھپە قوشىدىكەن.