«ئۇيغۇر يىلنامىسى» ناملىق ئەسەر لوندوندا نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.02.23
uyghur-yilnamisi-kitab.jpg ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا يازغان 912 بەتلىك چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Erkin Tarim

«ئۇيغۇر يىلنامىسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتاب لوندون ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا يازغان 912 بەتلىك چوڭ ھەجىملىك ئەسەردە مىلادىدىن بۇرۇنقى ھۇنلار دەۋرىدىن 1985-يىلىغىچە بولغان ۋەقەلەر بايان قىلىنغان.

ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا بۇ ھەقتە توختالغان مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا ئەپەندى، كىتابىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى دەۋرىدىن تارتىپ تاكى 1985-يىلىغىچە بولغان تارىخى ۋەقەلەرنىڭ سىغدۇرۇلغانلىقىنى، مەزكۇر كىتابنى يېزىش ئۈچۈن 12 يىل تەر تۆككەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئاپتور ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا كىتابنى يېزىشتا پايدىلانغان ماتېرىياللار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «يىلنامە ئۈچۈن پايدىلانغان ئەسەرلەر ئاساسەن مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتاب ۋە ماقالىلەر بولۇپ، مۇئەللىپلىرى كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلار، تارىخچىلار بىلەن تارىخىي شەخسلەر بولۇپ، بەزىلىرى مەلۇم تارىخى دەۋر ياكى مەلۇم تارىخىي ساھەلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ياكى شۇ تارىخىي ۋەقە، ھادىسىلەرنىڭ تىرىك شاھىتلىرى. ئۇلار بۇ يىلنامىنى بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ بەردى.»

912 بەتلىك «ئۇيغۇر يىلنامىسى» ناملىق ئەسەرنىڭ قوشۇمچىلىرىدا يەنە، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يېتۈك نامايەندىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى خەزىنىسى سۈپىتىدە ئەسىرلەر بويىچە بېرىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى 40 يىللىق نەشرىيات تارىخىدىكى قىسمەن كىتابلارنىڭ ئاپتورلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك نەشر ئۇچۇرلىرى بېرىلگەن.

كىتابىدا بەزى تارىخىي شەخسلەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە تارىخ لۇغىتىمۇ قوشۇمچە قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر شەخسلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ.

بىز كىتابنى تۈزگەن مەمەتتۇرسۇن ئوقيا ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم خەت يازغان بولساقمۇ، ئۇ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.

بىز كىتاب ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ۋە لوندوندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەتتۇرسۇن ئوقيا ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇر يىلنامىسى» ناملىق ئەسەرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان قوللانمىسى» خاراكتېرىدىكى بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى، بۇ كىتاب چەتئەلدە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، كىتابنى تۈزگەن مەمەتتۇرسۇن ئوقيا ئەپەندىنىڭ ئىنگلىزچە، خىتايچە، تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلىقىنى، مەزكۇر كىتابنى يېزىشتا بۇ تىللاردا يېزىلغان مەنبەلەردىنمۇ پايدىلانغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈن مۇھىم بىر قوللانما ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى كىتاب ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىنىش ئۈچۈنلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، ئۇيغۇرلار بىلەن قوشنا مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ ياخشى بىر مەنبە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، چەتئەلدىكى زىيالىيلارنىڭ ئەركىن دۇنيادا بۇ خىل ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يېزىپ نەشر قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشتا بۇ خىل نەشرىيات پائالىيەتلىرىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ تېزلا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ئەسەرلەرنىڭ ياشلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن زور پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەمەتتۇرسۇن ئوقيا 1969-يىلى 1-ئايدا قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ چەتئەل تىلى كەسپىدە ئوقۇغان. 1996-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ تۈركچە ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇغان.

2000-يىلى ئەنگلىيەگە بېرىپ بىر مەزگىل ئوقۇغان. 2012-يىلى قۇتاتغۇ بىلىك ئىندېكسى ناملىق ئەسەرنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ تۈرك تىلى قوللانمىسى ناملىق ئەسىرى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.