تۈركىيەدە تۇنجى مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئالتە ئايدا بىر نەشر قىلىنىدىغان ئىلمىي ژۇرنالنىڭ 8-سانى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
تور ژۇرنىلىنىڭ 8-سانىدا ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا يېزىلغان 14 ماقالە ۋە 3 كىتاب تونۇتۇش ماقالىسىگە ئورۇن بېرىلگەن. ژۇرنالنىڭ ئىگىسى ۋە باش تەھرىرى ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ژۇرنالنىڭ 8-سانىنى چىقىرىشقا ئەمگەك سىڭدۈرگەنلەرگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، بۇ ساندا ئورۇن بېرىلگەن ماقالىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
بۇ ساندا ئابدۇلۋاھىت ھەسەنجان ئەپەندىنىڭ «ھازىر زامان ئۇيغۇر يازغۇچىسى مەمتىئىمىن ھوشۇر ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى»، نەۋشېھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادەم ئۆگەر ئەپەندى بىلەن رەجەپ تەك ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇرلاردا ھېكمەت ئېيتىش ئادىتى ۋە چاغاتايچە ئىككى قول يازمىدىكى ھېكمەتلەر»، دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر شائىرى سابىت ئابدۇراخمان»، ئەخمەتجان مۆمىن تارىمىنىڭ «20-ئەسىردە خىتايدا ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار»، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىغا خىتايچىنىڭ تەسىرى» قاتارلىق 14 پارچە ماقالىگە ئورۇن بېرىلگەن.
ژۇرنالنىڭ ئىگىسى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ساندا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئەپەندى چەتئەلدە تۈرك تىلىدا چىقىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئابدۇۋەلى ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 7-سانى بىلەن بۇ سانىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا ئىككى پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنى، چەتئەلدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇتۇشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «ژۇرنالنىڭ 4 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا توردا چىقىۋاتقانلىقى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىن كۆپ كىشىنىڭ تورنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقى، ياخشى ئىنكاسلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقى»نى بايان قىلدى.
4 يىلدىن بېرى ئېلان قىلىۋاتقان ماقالىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ھالدا «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.