تۈركىيەدە تۇنجى مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئالتە ئايدا بىر تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان ئىلمىي ژۇرنالنىڭ 9-سانى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 2013-يىلىدىن بېرى چىقىرىلىۋاتقان تور ژۇرنىلىنىڭ 9-سانىدا ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا يېزىلغان 14 پارچە ئىلمىي ماقالە ۋە 3 پارچە كىتاب تونۇتۇش ماقالىسىگە ئورۇن بېرىلگەن. ژۇرنالنىڭ ئىگىسى ۋە باش تەھرىرى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ژۇرنالنىڭ 9-سانىنى چىقىرىشقا ئەمگەك سىڭدۈرگەنلەرگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، بۇ ساندا ئورۇن بېرىلگەن ماقالىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
بۇ ساندا تۈركىيەنىڭ نەۋشېھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئابدۇلۋاھىت ھەسەنجان ئەپەندىنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرى ۋە ئۇ باشلاتقان گۇڭگا شېئىر ھەرىكىتى»، ئابدۇشۈكۈر مەمەتئىمىن ئەپەندىنىڭ «نەگە بارىسەن قاغا دېگەن ناخشىنىڭ تارىخى يىلتىزى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىگە، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر» ماۋزۇلۇق ماقالىسىگە، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ «1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن بۈگۈنگىچە تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار»، قازاقىستان ئاباي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندىنىڭ «داڭلىق شائىر ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرىدە ‹باھار› سۆزىنىڭ ئىشلىتىلىشى»، نەۋشېھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادەم ئۆگەر ئەپەندى بىلەن زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم يازغان «ئوتتۇرا ئاسىيا چېگرالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى» قاتارلىق 14 پارچە ماقالىگە ئورۇن بېرىلگەن.
ژۇرنالنىڭ ئىگىسى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2013-يىلىدىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا نەشر قىلىنىۋاتقانلىقىنى، كۈنسايىن سۈپىتى ئۆسۈپ خەلقئارا سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن قىممەتلىك مەنبە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەدە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋاھىت ھەسەنجان ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي ژۇرنىلى»دا 3 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلەردۇر.
ئۇ، تۈركىيەدە ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخى توغرىسىدا كۆپ تەتقىقاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كۆپرەك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا ماقالە يېزىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇۋاھىت ھەسەنجان ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 9-سانىدىكى ماقالىسىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى گۇڭگا شېئىر ئېقىمىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئەخمەتجان ئوسمان ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى تۈرك ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ژۇرنالنىڭ 4 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا توردا چىقىۋاتقانلىقىنى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىن كۆپ كىشىنىڭ تورنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ياخشى ئىنكاسلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ ژۇرنالغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» نىڭ ھازىر تۈركىيەدە چىقىۋاتقان بىردىن-بىر ئىلمىي ژۇرنال ئىكەنلىكىنى، 25 يىلغا يېقىن «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» نامىدا ئىلمىي ژۇرنال چىقىرىلغان بولۇپ، ژۇرنالدا ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى بولغان كۆپ ساندا ماقالىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى، ئالىمجان ئىنايەت چىقىرىۋاتقان بۇ ژۇرنالنىڭ بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇرۇن تۈركىيەدە «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» نامىدا تۈرك تىلىدا ئىلمىي ژۇرنال نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ماقالىلەر ژۇرنالنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغان ئىكەن.
0:00 / 0:00