قەھرىمان غوجامبەردى: «ئۇيغۇرىزم-ئۇيغۇر مىللىي ئىدېئولوگىيىسىنىڭ تۈپ ئاساسى بولۇشى كېرەك»

0:00 / 0:00

20-ئەسىردىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى ھەمدە ئۆز كېلەچىكىنى يارىتىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى داۋامىدا تۈرلۈك ئىدېئولوگىيە ۋە مەپكۇرىلەر ئوتتۇرىغا چىققان.

ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بىر قىسىم دىنىي سەرخىللار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىشى ۋە قايتا گۈللىنىشى داۋامىدا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1917-يىلىدىكى بولشېۋىكلار ئىنقىلابىدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان بىر بۆلۈك ئۇيغۇر سىياسىي سەرخىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىقىنىڭ كوممۇنىزم سىستېمىسى ئىچىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھەمدە بۇ بۇ مەپكۇرىنى قوبۇل قىلغان.

20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەنە بىر بۆلۈك ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈرەشتە تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسى ياكى غايىسىنىڭ مۇھىم بىر تاللاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كۈرەش يولى قانداق بىر ئىدېئولوگىيەنى تەلەپ قىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان تارىخچى ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئورتا ئاسىيانىڭ نۆۋەتتىكى گېئو-سىياسىي مۇھىتى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىدىن «ئۇيغۇرىزم» غايىسىنى تەكىتلەيدۇ.

مەزكۇر تېما ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى خالىسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، مۇخبىرىمىزنىڭ قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە قۇلاق سالغايسىز.