ياپونىيەدىكى «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ چېچەك سەيلىسى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

25-ئاپرېل كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 2017-يىللىق 3-سانى يوتۇبې ئارقىلىق رەسمىي تارقىتىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېڭىدىن تارقىتىلغان مەزكۇر پروگراممىسىنىڭ مەدەنىيەت سەھىپىسىدە ياپونلاردىكى گۈل سەيلىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ باغ-چېچەك سەيلىسى توغرىسىدا سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر كىتابلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى باغ-چېچەك سەيلىسى باھار يەنى كۆكلەم مەزگىلىدە، گۈل-گىياھلار چېچەكلىنىپ، يەر-جاھان رەڭدار بولغان كۈنلەردە باغ ۋە دالالاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلىرىدىن بىرى ئىكەن.

ياپونىيە تارىخىي مەنبەلىرىدە دېيىلىشىچە، ياپونلاردىكى گۈل سەيلىسى بولسا قەدىمىي نارا دەۋرىدىن باشلانغان ياپونلارنىڭ ئەنئەنىۋى ساياھەت پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئادەتتە 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4-ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا دەرەخلەر چېچەكلىنىپ، چېچەك ئېچىلغاندا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى مىئۇرا كوتارو مەزكۇر پروگراممىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ياپونلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى بەزى بىر ئوخشاشلىقلار توغرىسىدا توختالغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ياپونلاردىكى گۈل سەيلىسى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى چېچەك سەيلىسى توغرىسىدا توختالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ كۆرۈرمەنلىرىدىن ئاروما خانىم مەزكۇر پروگراممىدا دېيىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ چېچەك سەيلىسى بىلەن ياپونلاردىكى گۈل سەيلىسى توغرىسىدىكى قاراشلار ھەققىدە توختىلىپ: «ياپونلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى بەزى بىر ئوخشاشلىقلار ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. شۇڭا ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى بۇ ئوخشاشلىقلار توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ» دېدى.

«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى پروگراممىسى ئىلگىرى پروگراممىلىرىغا ئوخشاشلا كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋاق بېرىش بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ قېتىم «چېچەك سەيلىسى» دېگەن بىر جۈملە سۆز كۆرۈرمەنلەرگە ئۆگىتىلگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.