ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسى قۇربان ھېيت ۋە خىتايدىكى تېررور مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالدى

0:00 / 0:00

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەسىس قىلغان «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىكى يېڭى پروگراممىسى ياپونىيە «ساكۇرا» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسى ۋە يۇتۇب ئارقىلىق كەڭ كۆرۈرمەنلەر بىلەن يەنە يۈز كۆرۈشتى.

بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدىن باشلاپ تارقىتىلىشقا باشلىغان «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېڭى پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمى ۋە خىتايدىكى تېررور مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالغان.

«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېڭى پروگراممىسى ئالدى بىلەن ئىسلام دىنىدىكى بۈيۈك بايراملاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان قۇربان ھېيتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئەھۋالى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتنى قۇتلۇقلاش ئادەتلىرى، ئىسلامى تۈسكە ئىگە بولغان بۇ بايرامغا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭمۇ سىڭىپ كەتكەنلىكى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرگەن. بۇنىڭدا ئاساسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ، قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ھەيۋەتلىك ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدىكى كەڭ كەتكەن مەيداندا ھەر يىلى قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيت كۈنلىرىدە نامازدىن كېيىن توپلىشىپ، ساما ئۇسۇلىنى ئويناشتىن ئىبارەت ئۆزلىرىگە خاس بولغان بۇ ئەنئەنىۋى مىللىي، قەدىمىي ئۇسۇلىنى تا ھازىرغا قەدەر ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى كۆرگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى يۈكى خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئۇيغۇرلاردىكى قۇربان ھېيت ئىسلامى بايراملاردىن بىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار ھېيتتا ساما ئويناش ۋە شۇنداقلا ناغرا-سۇناي چېلىشتىن ئىبارەت بۇ خىل سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنى پائالىيەتلىرىنى ئىپادىلەيدىكەن. قۇربان ھېيتتىكى بالىلارغا ھېيتلىق بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئادەت، بىز ياپونلارنىڭ يېڭى يىلدا بالىلارغا يېڭى يىللىق پۇل بېرىش ئادىتىمىزگە ئوخشاپ كېتىدىكەن» دېدى.

ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى پروگراممىسىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم تەكىتلەپ كېلىۋاتقان خىتايدىكى تېررور مەسىلىلىرى توغرىسىدىمۇ ئەتراپلىق مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىلھام ماھمۇت توختالدى.

ئىلھام ماھمۇت بۇ قېتىمقى پروگراممىدا يەنە، بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا قىرغىزىستاننىڭ مەركىزى بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى پارتلىتىش ۋەقەسى توغرىسىدىمۇ ئۆزىنىڭ بىر قىسىم مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى پروگراممىسىدىكى خىتايدىكى تېررور مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى يۈكى خانىم:«خىتاي كومپارتىيەسى دائىم ئۆزلىرىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنى ‹تېررورچىلار› دەپ باستۇرۇپ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزلىرىنى تېررورلۇقنىڭ قۇربانى قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق تا ھازىرغا قەدەر بۇ مەسىلىدە خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى قايىل قىلالمىدى. خىتاي دۆلىتى دەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بولسا، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداش قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان پروفېسسور ئىلھام توختىغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ بېرىلگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا بۇ مەسىلىدە خىتاي كومپارتىيەسىگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب ئەمەسمۇ؟» دېدى.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېڭى پروگراممىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم كۆرۈرمەنلەر ئىنكاس يوللاپ، پروگراممىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن پىكىر، بايانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ تولىمۇ قىزىققانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر جەمئىيەت كېلەر يىلىدىن باشلاپ تېخىمۇ كۆپ ياخشى پروگراممىلارنى ئىشلەشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقانىكەن.