«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ۋە ئۇنىڭ سىرلىق ئارقا كۆرۈنۈشى

0:00 / 0:00


1990 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ھۆكۈمەت كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دائىرىلەر ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىزدىنىشلەر ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ سىياسىي پرىنسىپ جەھەتتىن مەزكۇر كىتابنى ئۆلچەم قىلىشىنى بېكىتكەن.

ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىگە «مەسئۇل مۇھەررىر» سۈپىتىدە ئىسىم - شەرىپى سۈيئىستېمال قىلىنغان ئارخېئولوگ ۋە تارىخچى قۇربان ۋەلى ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق بۇ كىتابنىڭ قانداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئاتالمىش «مەسئۇل مۇھەررىر» لىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىدەك سىرلىق جەريانلارنى ئاشكارا قىلدى.

ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ھۆكۈمەت كىتابى ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئېلىدا مەيدانغا كەلگەن پەۋقۇلئاددە تارىخىي شارائىت ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جىددىي سىياسىي ئېھتىياجى تۈپەيلى ئۈچەكتىن چىققانىكەن.

«"ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" نى يېزىش گۇرۇپپىسى» دەپ نام بېرىلگەن گۇرۇپپىدىكى سىرلىق ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ كىتابنىڭ ئەسلى ئورىگىنالى 1980 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ۋە بۇ ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازلىقىنى قوزغىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بۇ كىتابنى قايتا ئۆزگەرتىپ ۋە تۈزىتىپ يېزىشقا ۋەدە بەرگەن. بىر قىسىم ئۇيغۇر تارىخچىلىرى، مەسىلەن تۇرغۇن ئالماس، قاسىم ئارىش، ئابدۇقەييۇم خوجا قاتارلىقلار مەزكۇر كىتابنىڭ قايتا يېزىلىدىغان نەشرى ئۈچۈن ئۆز ئەمگەكلىرىنى سەرپ قىلغان.

رەسىم - 2: مەزكۇر كىتاب تارقىتىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر بېتى كېسىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭغا ئۇستىلىق بىلەن بىر قوشۇمچە بەت چاپلانغان. مۇشۇ بەتتە قۇربان ۋەلىنىڭ «مەسئۇل مۇھەررىر» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن (RFA/قۇتلان)
رەسىم - 2: مەزكۇر كىتاب تارقىتىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر بېتى كېسىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭغا ئۇستىلىق بىلەن بىر قوشۇمچە بەت چاپلانغان. مۇشۇ بەتتە قۇربان ۋەلىنىڭ «مەسئۇل مۇھەررىر» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن (RFA/قۇتلان)


ۋاھالەنكى، 1990 - يىلى 4 - ئايدا بارېن ئىنقىلابىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە جىددىي بۇرۇلۇش بولغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋاڭ ئېنماۋنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تازىلاش ھەرىكىتى قوزغاپ، تارىخچى تۇرغۇن ئالماس يازغان «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق 3 كىتابنى تەنقىد قىلىش دولقۇنى قوزغىغان.

مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، دائىرىلەر «"ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" نى يېزىش گۇرۇپپىسى» دىكى سىرلىق ئاپتورلار يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ھۆكۈمەت كىتابىنى جىددىي تۈردە نەشر قىلىشنى پىلانلىغان. بۇ كىتابنىڭ ئەسلى ئورىگىنالىغا نىسبەتەن ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ كۈچلۈك پىكرى بولغاچقا، دائىرىلەر بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىنى ئۇستىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىش چوتىنى سوققان. بۇنىڭ بىلەن قىزىل باشلىق ھۆكۈمەت ھۆججىتى چىقىرىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ تۇرۇۋاتقان قۇربان ۋەلى ئەپەندىنى بۇ كىتابقا «مەسئۇل مۇھەررىر» دەپ بېكىتكەن.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى بۇيرۇق بويىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ تەھرىرى ئابدۇۋەلى ئەلى بىلەن بىرلىكتە كورلىدىكى 2 - باسما زاۋۇتىغا بارغان ۋە مەزكۇر كىتابنىڭ ئورىگىنالىنى بىرمۇ - بىر تەھرىرلىگەن. ئۇلار ئەڭ زور ئىمكانىيەت ئىچىدە كىتابتىكى بەزى بايانلارنىڭ تۈسىنى ئۆزگەرتكەن، ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان. بەزى بايانلارنى ئۇيغۇر تارىخىي ماتېرىياللىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىققان. ئاخىرىدا تولۇق تەھرىرلەنگەن نۇسخىنى باسما زاۋۇتىنىڭ بېسىشىغا ئىمزا قويۇپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

بىرقانچە ئايدىن كېيىن «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق بۇ كىتاب نەشردىن چىققان. ھالبۇكى، قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئەمدىلا نەشردىن چىققان بۇ كىتابنىڭ ئۆزى تەھرىرلىگەن نۇسخا ئەمەس، بەلكى ئىلگىرى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن نۇسخا ئىكەنلىكىنى سېزىۋالغان. كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نەشر ھوقۇقى ئەسكەرتىلگەن بېتىنىڭ كېسىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «مەسئۇل مۇھەررىرلەر: ئابدۇۋەلى ئەلى ۋە قۇربان ۋەلى» دەپ يېزىلغان يېڭى بىر بەتنىڭ چاپلانغانلىقىنى بايقىغان.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا كورلىدىكى 2 - باسما زاۋۇتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كۆپ قېتىم سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشقا جاۋاب بېرىدىغان ھېچكىم چىقمىغان. ئاخىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا يەنە داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىشقا ئامالسىز قالغان.

پروگراممىنىڭ داۋامىنى كېيىنكى قىسىمدىن ئاڭلايسىز.