«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ يېزىلىپ چىقىش جەريانىدىكى سىرلار - 2

0:00 / 0:00


«‹ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى› نى يېزىش گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتالغان بۇ سىرلىق گۇرۇپپىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر تارىخچىلىرىمۇ بولغانمۇ؟ ئەگەر بار دېيىلسە، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق بۇ ھۆكۈمەت كىتابىدا ئۇيغۇر ئاپتورلار يازغان مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەنمۇ - يوق؟

بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئەينى ۋاقىتتىكى شاھىتلاردىن ئارخېئولوگ ۋە قەدىمكى يېزىقلار مۇتەخەسسىسى قۇربان ۋەلى ئەپەندى بېرىدۇ.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» نى يېزىپ چىقىش پىلانىدا مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭمۇ يېزىش گۇرۇپپىسىدىن چوقۇم ئورۇن ئالىدىغانلىقى شۇنداقلا يېزىلىپ پۈتكەن نۇسخىنى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر بېرىشىگە سۇنىدىغانلىقى بېكىتىلگەن ئىكەن. ھالبۇكى، مەزكۇر كىتاب نەشر قىلىنغان ۋاقىتتا تۇرغۇن ئالماس، قاسىم ئارىش ۋە باشقا ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ يازغان قىسىملىرى كىرگۈزۈلمىگەن. ئۇلارنىڭ پىكىر - قاراشلىرىمۇ قوبۇل قىلىنمىغان.

«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» نى يېزىپ چىقىش ۋە ئاخىرىقى نۇسخىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىچىدە بۇرھان شەھىدىنىڭ كۈيۈئوغلى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان تاتار تەتقىقاتچى ئۇيغۇر سايرانىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن خىتاي ئاپتورلار ئىكەن. ئۇيغۇر تارىخچىلاردىن ھېچكىم بۇ گۇرۇپپىغا قاتناشتۇرۇلمىغان.

قىزىقارلىقى شۇكى، ئۇيغۇر ئاپتورلاردىن بىرىمۇ قاتناشتۇرۇلمىغان بۇ كىتاب نەشردىن چىققاندا، كىتابنىڭ «ئاخىرقى سۆز» قىسمىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، "ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" ئۇزاق ۋاقىت ماتېرىيال جۇغلاش نەتىجىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جاپالىق خىزمەت قىلىشى، ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، خەنزۇ ئالىملىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا يېزىپ چىقىلدى. ئەگەر ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئالىملىرى ھەمكارلاشمىغان، تۈزگۈچىلەر كۆڭۈل بۆلمىگەن، قوللىمىغان ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا مېھنەت سىڭدۈرمىگەن بولسا، بۇ كىتابنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى تەس ئىدى.»

مەزكۇر كىتابنىڭ «ئاخىرقى سۆز» قىسمىدا يەنە 1987 - يىلى 12 - ئايدىن 1988 - يىلى 4 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا «يېزىش گۇرۇپپىسى» بېيجىڭدا ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم كىتابنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىنى بېكىتىش يىغىنى ئاچقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ يىغىنغا خەنزۇ تەتقىقاتچىلاردىن باشقا بىرمۇ ئۇيغۇر تارىخچى قاتناشتۇرۇلمىغان. پەقەتلا تاتار مىللىتىدىن بولغان تەتقىقاتچى ئۇيغۇر سايرانى بىلەن قىرغىزلاردىن ئەنۋەر بايتۇر تەكلىپ قىلىنغان.

بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزى مەزكۇر كىتابنىڭ «ئاخىرقى سۆز» قىسمىدا ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن «بۇ كىتاب ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئالىملىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە ھەمكارلىقىدا يېزىلىپ چىقىلدى» دېگەن باياننىڭ يالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى بۇ كىتابتا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى بەرگەن پىكىرلەردىن پەقەت بىرىلا قوبۇل قىلىنغانلىقى، يەنى خىتايلار يالغاندىن ياساپ چىققان ساختا شائىر كەكمەنىرنىڭ ئىسمىنىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇندىن باشقا پىكىرلەرنىڭ ھېچقايسىسى قوبۇل قىلىنمىغان.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئەينى چاغدا مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تەھرىرلەش جەريانىدا ئۇنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي مۇددىئانى چىقىش قىلىپ يېزىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر قىسىم يىپ ئۇچلىرى بىلەن بەزى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇيغۇر سايرانى تەرىپىدىن ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە قوشۇپ قويۇلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇڭا ئۇ ئەگەردە ئوقۇرمەنلەر پايدىلىنىشنى بىلسە، مەزكۇر كىتابنى ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن سىياسىي مۇقامنىڭ تەتۈرى بويىچە ئوقۇپ چۈشەنسە بولىدۇ، دېگەننى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

1989 - يىلىدىن كېيىن، بولۇپمۇ مەرھۇم تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر تارىخىنى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ ئۆزى يېزىشى كېرەك» دېگەن جامائەت پىكرىنى ئىرغىپ تاشلىۋېتىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ھۆكۈمەت كىتابىنى نەشر قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ كىتابنى ئۇيغۇر تارىخىنى شەرھىلەشتىكى «ئۆلچەم» ياكى «قېلىپ» قىلىپ بېكىتىپ، تۇرغۇن ئالماس قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخچىلىرى يازغان تارىخىي تېمىدىكى يازمىلارغا قارشى ھەرىكەت باشلىغان.