تارىخچى ئابلەھەت كامالوف: خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ قازاقىستاندىمۇ ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

0:00 / 0:00

كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا قېلىپلاشقان گېئوسىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە، شۇنداقلا ئۇنى ماكان ئەتكەن خەلقلەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى بايقالماقتا.

بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى ھاياتى دىققەتتىن سىرت قالمىدى. بۇنىڭغا يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئۆتكەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى گۇۋاھلىق قىلىدۇ.

تارىختىن مەلۇمكى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى بويىچە دەسلەپكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1979-يىلى قازاقىستاننىڭ شۇ چاغدىكى پايتەختى ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىپىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ ئالىملىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر يېرزىن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «1979-يىلى 29-ۋە 31-ماي كۈنلىرىدە ئالماتادا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ گۈزەل بىناسىنىڭ چوڭ مەجلىس زالىدا ‹سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى› دېگەن ماۋزۇدا رېسپۇبلىكىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭغا ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرشۇناس ئالىملىرىدىن سىرت موسكۋا، لېنىڭرادتىن باسقاقوف، ناسىلوف، كلياشتورنىي، تىخونوف، ئەمىر نەجىپ ئوخشاش كۆرنەكلىك ئالىملار، تاشكەندىن مەمەتاخۇنوف باشلىق ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار، قىرغىزىستان ۋە باشقا رېسپۇبلىكىلاردىنمۇ ئالىملار قاتناشتى. بۇ، يىغىننىڭ نەقەدەر چوڭ بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. يىغىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت، تارىخ بولۇپ ئۈچ بۆلۈمگە بۆلۈندى.» م. يېرزىننىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى پەقەت سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىقىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنى تارىخىدا مۇھىم ۋەقە بولغان. ئۇنىڭغا مالىك كەبىروف، ئىلىياس يۈسۈپوف، گېگېل ئىسقاقوف، داۋۇت ئىسىيېف ئوخشاش ئاتاقلىق تارىخچىلار، ئابدۇۋەلى قايداروف، غوجەخمەت سەدۋاقاسوف، ئوكتەبىر جامالىدىنوف، تۇغلۇقجان تالىپوف ئوخشاش تىلشۇناس ئالىملار، ساۋۇت موللائۇتوف، مەخمۇت ئابدۇراخمانوف، ماھىنۇر ئەلىيېۋا كەبى ئەدەبىياتشۇناسلار ۋە باشقىلار قاتناشقان.

بىز يېقىندا ياۋروپادا ئۆتكەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ماۋزۇ دائىرىسى ھەمدە ئىلمىي يېڭىلىقلىرى ھەققىدە پارىژدا ئۆتكەن ئىلمىي يىغىن قاتناشقۇچىسى، يېتەكچى قازاقىستانلىق تارىخچى ئالىملارنىڭ ھەمدە خىتاي ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى بويىچە ئالدىنقى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوفقا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسى مارلېن لارۇيېل رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكىنىڭ جىئورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدىكى مەركىزىي ئاسىيانى تەتقىق قىلىش مەركىزىگە تەئەللۇق. بىرىنچى مۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2014-يىلى ۋاشىنگتوندا ئۆتتى. ئىككىنچى خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى مەزكۇر مەركەز بېلگىيە ۋە فىرانسىيە ئالىملىرى بىلەن ھەمكارلىقتا ئۇيۇشتۇردى. ئۇ 2015-يىلنىڭ نويابىر ئېيىدا ئارقا-ئارقىدىن بىريۇسسېلدا، ئاندىن پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىن ‹ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە ئىككىنچى ھەر يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى: تارىخ، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت› دەپ ئاتالدى. ئىلمىي يىغىننىڭ ھەجمى بىرەر كونكرېت ماۋزۇ دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بويىچىمۇ بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش مەقسىتىنىمۇ كۆزلىگەنلىكىنى ئېيتىش كېرەك. راستىنى ئېيتسام، بۇ پۈتكۈل ئىتتىپاقلىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ سوۋېت ئەنئەنىسىنى ئەسلىتىدۇ.»

ئا. كامالوفنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە ئىككىنچى ھەر يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دەپ ئاتالغان پارىژ يىغىنىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە چوڭ ئىلمىي يىغىنلارنى قايتا تىكلەشتىن ئىبارەت بولغان. يەنى ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرى بولۇپمۇ ھازىر غەرب ئەللىرىدە تېز تەرەققىي ئېتىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي يىغىنلىرى بىلەن ئىلگىرىكى يىللىرى شەرقشۇناسلىقنىڭ خېلى راۋاجلانغان ساھەسى بولۇپ كەلگەن رۇسىيەلىك ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكنى قايتا ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان.

ئۇ شۇنداق دېدى: «شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ھەم بىرىنچى، ھەم ئىككىنچى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىنتايىن كۆپ رۇسىيەلىك تۈركشۇناس ۋە خىتايشۇناس ئالىملار قاتناشتى. بۇ يىغىنلارغا شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىن، ئاساسەن سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ مەركىزى بولغان قازاقىستاندىنمۇ ئالىملار ئىشتىراك قىلدى. ئىلگىرى، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن مۇنداق يىغىنلار قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى ئاساسىدا، كېيىنرەك ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. كېلەچەكتە مۇشۇنداق خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش يەنىمۇ داۋام قىلىدۇ ھەم مۇنداق يىغىنلار قازاقىستاندىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن.»

ئا. كامالوف شۇنداقلا بىريۇسسېلدا ئىككى كۈن مابەينىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان سىياسىتىنىڭ زامانىۋى مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى، ھەر ئىككى مەملىكەتتە ئۆتكەن بۇ ئىلمىي يىغىنلاردا ئا ق ش، رۇسىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، تۈركىيە، ئىسرائىل، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسىيە، خوڭكوڭدىن كەلگەن ئالىملار بولۇپ 45 دوكلات قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئالىم بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ئالىملىرىنىڭ قاتنىشىسىز ئۆتكەنلىكىگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، ئامما شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىدە ئىشلەۋاتقان غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ، ئاساسەن ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپلەپ قاتناشقانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.