تاتار ئۇيغۇرشۇناس ئالىمىنىڭ يېڭى تەتقىقاتى ئالماتادا يورۇق كۆردى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئالماتادىكى «ئېكونومىكا» نەشرىياتىدا مەشھۇر قازاقىستانلىق تاتار تارىخچىسى، ئۇيغۇرشۇناس، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر ئېرزىننىڭ «ياۋروئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىدىن» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى.

ئالىمنىڭ قىسقىچە ئۆمۈر بايانىغا كېلىدىغان بولساق، ئۇ 1927-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي رايونىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى خىتاي تىلىدا تاماملىغاندىن كېيىن، 1947-ۋە 1949-يىللار ئارىلىقىدا غۇلجىدا «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى رېداكسىيىسىدە، ئاندىن «ئىلى گېزىتى» دە ئىشلىدى. 1955-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى تاماملىدى. ئۇ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا «كوممۇنىز تۇغى» يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە، شۇ جۈملىدىن مەلۇم بىر ۋاقىت ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى ھەم شۇ بۆلۈم ئاساسىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئەمگەك قىلدى. شۇ جەرياندا ئۇ «ئۇيغۇر سوۋېت مەتبۇئاتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى» تېمىسىدا نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقىلىدى.

«ياۋروئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىدىن» ناملىق كىتاب ئاساسەن ئىككى قىسىمدىن ئىبارەت بولۇپ، «مەركىزىي ئاسىيا تاتارلىرى» دەپ ئاتالغان بىرىنچى قىسىم مەركىزىي ئاسىيانى ماكانلىغان تاتار قەبىلىلىرىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىغا بېغىشلانغان. تەتقىقاتچى خىتاي، پارىس، تۈركىي-سوغدا ۋە باشقىمۇ تىللاردىكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغان ھالدا، تاتارلارنىڭ مەركىزىي ئاسىيانىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا، شۇ جۈملىدىن دۇنخۇئاڭ، تۇرپان ۋە باشقىمۇ شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

شۇنى ئالاھىدە قەيت قىلىش كېرەككى، م. ئېرزىن ئۆز تەتقىقاتلىرىدا ئۇيغۇر ۋە تاتارلارنىڭ يانمۇ-يان تۇرۇپ، ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. بۇ كىتابىدىمۇ ئۇ ئۇيغۇرلار ھەم ئۇلار ماكان ئەتكەن تېررىتورىيەلەرنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى كەلتۈرىدۇ. بۇ ھەقتە تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوف مۇنداق دېدى:
مەركىزىي ئاسىيا تاتارلىرىنىڭ تارىخى قەدىمىي تۈركىيلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بولۇش كېرەك، مەركىزىي ئاسىيا تاتارلىرى ھەققىدە بۇ تەتقىقاتقا قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارمۇ كىرگۈزۈلگەن. مەسىلەن، كىتابتا ئورۇن ئالغان «دۇنيا مەدەنىيىتىدىكى بېباھا تۆھپە» ناملىق قىسىمدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەتبەئەچىلىكىنىڭ تارىخى ھەققىدە ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇر مەتبەئەچىلىكىنىڭ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە بېباھا تۆھپە قوشقانلىقى تەكىتلىنىدۇ. مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارالغان يەنە بىر مۇھىم ۋە قىزىق مەسىلە بۇ «تۇلۇما» ۋە «تورما» سۆزلىرىنىڭ تارىخىي-كېلىپ چىقىش ئىزاھلىرى. كىتاب ئاپتورى بۇ ماۋزۇنى ئۆز ۋاقتىدا «سوۋېت تۈركىيشۇناسلىقى» دەپ ئاتالغان مەشھۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسى ئاساسىدا ئانالىز قىلىدۇ. بۇ ماقالە ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت تۈركشۇناس ئالىملىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئالىم بۇ ئەمگىكىدە خىتاي ۋە تۈركىي مەنبەلەر ئاساسىدا خىتايلارنىڭ پاختا ئۆستۈرۈش مەدەنىيىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ھەم بۇنىڭغا ئىسپات سۈپىتىدە خىتايلارنىڭ «تورلىما» ياكى «تۇلۇما» دېگەن ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كەلتۈرىدۇ. مۇنىر ئېرزىن ئىلى ۋادىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا پاختا ۋە پاختىدىن ئىشلەپ چىقىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىلگىرى بولغانلىقىنى ھەم شۇلارغا باغلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئەنە شۇ يەرلەردە پەيدا بولۇپ، ئاندىن باشقا يەرلەرگە تارالغانلىقىنى تەخمىن قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ئالغان يەنە بىر مەلۇمات بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى بابىدىكى «موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستان» ناملىق قىسىم. بۇ قىسىمدا قاراخىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى، كۈچلۈك خان رەھبەرلىكىدىكى نايمان ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىشى، تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇتلىقىنىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە قوشۇلۇشى ھەم قەشقەرىيە ئىمپېرىيىسى تەركىبىگە كىرىشى، شۇنداقلا موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت-مەمۇرىي قۇرۇلۇشى، بۇ يەردىكى موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاقىۋەتلىرى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر قارىلىدۇ».

كىتابنىڭ «يىراق ۋاقىتلار سىرلىرى» دېگەن ئىككىنچى قىسمىدا بولسا، ئالىم تاتار ئالىملىرىنىڭ دۇنياۋى بىرلەشمىسىنىڭ تاتارلارنىڭ مىللىي تارىخىغا ئائىت مەنبەلەرنى، ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ تېپىش ۋە تارىخىي ۋەتەنگە قايتۇرۇش، چەت مەملىكەتلەردە تۇرۇۋاتقان تاتارلارنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش، چەت ياقلاردا ساقلىنىۋاتقان تەتقىقاتلارنى، ئەسەرلەرنى نەشر قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا بىنائەن 19-ۋە 20-ئەسىرلەردىكى يىراق شەرق ۋە شەرقىي تۈركىستان تاتارلىرىنى، تەقدىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.
«ياۋروئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىدىن» ناملىق بۇ كىتابقا شۇنداقلا م. ئېرزىننىڭ ھايات يولىدىن ئېلىنغان ئوچېركلار ۋە ئالىم ھەققىدە ماقالىلارمۇ كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر تەتقىقات كەڭ كىتابخان ئاممىسىغا مۆلچەرلەنگەن.