دۇنيادىكى تۇنجى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى 1986-يىلى، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەركىبىدە قۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر ئىنستىتۇت سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئەمەلدىن قېلىپ، كىچىك مەركەزگە ئايلاندى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ يىل ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 30 يىل توشتى.
ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە زور نەتىجە ياراتقان بۇ ئىنستىتۇتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇمكى، بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىل مۇقەددەم، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان ئىدى. ئىلگىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى شۇ ئاكادېمىيىگە قاراشلىق تارىخ، ئارخېئولوگىيە ۋە ئېتنوگرافىيە ئىنستىتۇتى تەركىبىدە مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بۆلۈمىدە، ئاندىن تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدە قايتا شەكىللەنگەن ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدە مالىك كەبىروف، ئايشەم شەمىيېۋا، ئەرشىدىن ھىدايەتوف قاتارلىق ئاتاقلىق ئالىملار پائالىيەت ئېلىپ باردى. كېيىنرەك ئۇلارنىڭ سېپىگە مۇرات ھەمرايېف، غوجەخمەت سەدۋاقاسوف، ماھىنۇر ئەلىيېۋا، قۇربان توختەموف، تۇغلۇقجان تالىپوف، داۋۇت ئىسىيېف قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملار قوشۇلغان ئىدى.
ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ ئاساسىدا قۇرۇلغان بۇ ئىنستىتۇت تەركىبىدە تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت، تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە، مەنبەشۇناسلىق، ئېتنو-ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، ئىقتىساد ۋە قازاقىستاننىڭ مەركىزىي ئاسىيا بىلەن مۇناسىۋەتلىرى ئوخشاش بۆلۈملەر ئىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۆزىنىڭ ئىلمىي كېڭىشىگىمۇ ئىگە بولغان ئىدى.
1991-يىلنىڭ نويابىر ئېيىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تۇنجى مۇدىرى ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوف ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭغا شۇ ۋاقىتتىكى مۇدىر ئورۇنباسارى كوممۇنار تالىپوف رەھبەرلىك قىلدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي ئىنستىتۇتقا غ. سەدۋاقاسوفنىڭ نامى بېرىلدى.
ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان يىللىرى ئەلدىكى ۋەزىيەت قانداق بولغان؟ ئىنستىتۇتنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرى ھەم يېپىلىش سەۋەبلىرى؟ مەزكۇر ئىلمىي دەرگاھنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلىرى ھەم بۇ جەرياندا پەيدا بولغان قىيىنچىلىقلار؟ ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولدى؟
بىز بۇ ھەقتە ئەدەبىياتشۇناس ئالىم رابىك ئىسمايىلوف ۋە تارىخچى دوكتور ئابلەھەت كامالوف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.