قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى ئىلمىي كادىرلار بىلەن قانداق تەمىنلەنگەن ئىدى

0:00 / 0:00

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندا تۇنجى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى 1946-يىلى ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنى تىلشۇناس ئالىمە ئايشەم شەمىيېۋا باشقۇرغان ئىدى. مەزكۇر مەركەز قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېنىدىكى تارىخ، ئارخېئولوگىيە ۋە ئېتنوگرافىيە ئىنستىتۇتىدا تەشكىللىنىپ، ئۇ ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتى بۆلۈمى دەپ ئاتالدى. 1949-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا بولسا، بۇ بۆلۈم قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى رەھبەرلىكىنىڭ قارارىغا بىنائەن مۇستەقىل ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتى بۆلۈمىگە ئايلاندى.

كېيىنكى يىللاردا بۆلۈمنىڭ قۇرۇلمىسى پات-پاتلا ئۆزگىرىپ، ئاقىۋەتتە 1963-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى مەيدانغا كەلدى. 1986-يىلغىچە ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنى ئابدۇۋەلى قايداروف، مۇرات ھەمرايېف، غوجەخمەت سەدۋاقاسوف ئوخشاش دۇنيا تۈركىيشۇناسلىق ئىلمىگە كەڭ تونۇلغان ئالىملار باشقۇردى.

1986-يىلى شۇ بۆلۈم ئاساسىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇپ، 1991-يىلنىڭ ئاياقلىرىغىچە ئۇنىڭغا ئاكادېمىك غ. سەدۋاقاسوف، 1996-يىلغىچە، يەنى مەزكۇر ئىنستىتۇت شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىگە ئايلانغانغا قەدەر كوممۇنار تالىپوف رەھبەرلىك قىلدى.

ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدە ئىشلىگەن تىلشۇناس ئالىم، غ. سەدۋاقاسوفنىڭ شاگىرتى، ھازىر ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى رۇسلان ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، 1963-يىلى ئېچىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى مەلۇم دەرىجىدە مۇستەقىل ئىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئىلمىي كادىرلارنى قوبۇل قىلىش ۋە تەييارلاش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولغان. ئىلمىي كادىرلارنى تەييارلاش بولۇپمۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى غ. سەدۋاقاسوف باشقۇرغاندا ھەرتەرەپلىمە قولغا ئېلىندى. ر. ئارزىيېف ئىنستىتۇت قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ خېلى جىددىي تەرەققىي ئېتىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق پەقەت ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخ بىلەن چەكلەنگەن بولسا، بۇ ئىنستىتۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتى ھەرتەرەپلىمە ئۆگىنىلدى. ئىنستىتۇت مۇدىرى غوجاخمەت ئاكا سەدۋاقاسوف ئىلمىي دەرگاھلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرىنى ئىنستىتۇتقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسى بويىچە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا مۇمكىنچىلىك ياراتتى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى موسكۋا، سانكت-پېتېربۇرگ، تاشكەنت ئوخشاش تۈركىيشۇناسلىقنىڭ چوڭ مەركەزلىرىدە تاللاپ ئالغان ئىلمىي ماۋزۇلىرى بويىچە تونۇلغان ئالىملار رەھبەرلىكىدە تەتقىقات ئىشلىرىنى يۈرگۈزدى. مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئېچىلىشى 1980-يىلى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتى يېنىدا قايتا ئېچىلغان ئۇيغۇر بۆلۈمى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشنى تاماملىشىغا توغرا كەلدى. بۇ بۆلۈمنى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن تاماملىغان بىر توپ ياشلار ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە ئىلمىي ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى.»

ر. ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئالماتا، تاشكەنت، بىشكەك ۋە باشقىمۇ شەھەرلەردىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا، تەتقىقات مەھكىمىلىرىدە، مۇزېيلاردا ۋە باشقىمۇ جايلاردا بىلىم ئېلىۋاتقان ۋە ئىشلەۋاتقان تارىخ، ئېتنوگرافىيە، جۇغراپىيە، ئىقتىساد ۋە باشقىمۇ ساھە ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىندى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى ئۈچۈن مۇمكىن بولغان بارلىق شارائىتلار يارىتىلدى. ر. ئارزىيېف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، يەنى قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي بوھرانلار دەۋرىدە، شۇنداقلا 1996-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى مەركەزگە ئايلانغاندىن كېيىن، بىر قاتار ياش كادىرلارنىڭ باشقا ساھەلەرگە كەتكەنلىكىنى، مۇنداق ئەھۋالنىڭ باشقا ئىنستىتۇتلاردىمۇ بايقالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆتمۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسى بويىچە كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشتە، بولۇپمۇ تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتى، 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئالماتادا ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇھىم رول ئوينىدى. ئىلمىي كادىرلارنى تەييارلاش ئىشلىرىغا كېيىنكى يىللاردا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت، تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە ئىنستىتۇتلىرىدا تەشكىللەنگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنى قوزغاش كېڭەشلىرى، ئاسپىرانتۇرىلار، ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەلەر، چەتئەللەرگە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي ئىش سەپەرلىرى ۋە باشقىلارمۇ ئالاھىدە تەسىر قىلغان ئىدى.

ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخچى دوكتور ئابلەھەت كامالوف تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى تەرىپىدىن تەييارلانغان كادىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئالماتا شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ خىتايشۇناسلىق بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر فاكۇلتېتتا ئىسرايىل روزىباقىيېف، ھوسمان مەمەتاخۇنوف قاتارلىق شەرقشۇناس، ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ئۇستازلىق قىلغان. شۇنداقلا بۇ بۆلۈمدە بىر قانچىلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ ئوقۇغان.

ئا. كامالوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئالماتاغا كېلىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىگە ئىشقا ئورۇنلاشتىم. بۆلۈمدە بىر يىل ئىشلەپ، ئاندىن ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى مېنى لېنىنگرادقا، يەنى ھازىرقى سانكت-پېتېربۇرگقا ئوقۇشقا ئەۋەتتى. ئۇ يەردە ئاتاقلىق شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئاسپىرانتۇرىدا ئوقۇدۇم. مېنىڭ ئاساسىي تەتقىقاتىم ئۇيغۇر خاقانلىقى ھەققىدە بولدى. خىتاي تىلىنى شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورلىرىدىن ئۆگەندىم. ئىلمىي ئىشىمنى 1990-يىلى ياقلاپ، ئالماتاغا قايتىپ كەلدىم ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشىمنى داۋاملاشتۇردۇم.»

ئا. كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-ۋە 90-يىللىرى لېنىنگرادتىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا باشقىمۇ ئۇيغۇر بالىلىرى ئوقۇغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىلمىي دىسسېرتاتسىيىلىرىنى ياقلاپ، تۈرلۈك ساھەلەردە ئىشلىگەن. شۇلارنىڭ بىرى تالانتلىق ھىندشۇناس ئالىم ئەكرەم ئەنۋەروف شەرقشۇناس ئالىم سېرگېي كلياشتورنىينىڭ رەھبەرلىكىدە ئىلمىي دىسسېرتاتسىيە ياقلاپ، بىر نەچچە يىللار داۋامىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن.

ھازىر ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىدە ئىشلەۋاتقان خادىملارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئەنە شۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەييارلىغان كادىرلاردۇر. مەركەزدە تارىخچى، تىلشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس ۋە باشقىلار بولۇپ، ئونغا يېقىن ئالىم ئىشلىمەكتە.