يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئۆسكەمەن شەھىرىدە نەشر قىلىنىدىغان «چوڭ ئالتاي دۇنياسى» خەلقئارا ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ نۆۋەتتىكى سانى يورۇق كۆرۈپ، ئۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە بېغىشلاندى. شەرقىي قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن 2015-يىلدىن باشلاپ قازاق، رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ژۇرنالنىڭ تەھرىر ھەيئەتلەر كېڭىشى تەركىبىگە قازاقىستان، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، فرانسىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئوندىن ئوشۇق مەملىكەتلەرنىڭ يېتەكچى ئالىملىرى كىرگەن.
مەزكۇر كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بىرى، سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخچى دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ژۇرنال ھەر خىل خەلقلەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئالتاينى بىر پۈتۈن مىللى-مەدەنىي بوشلۇق سۈپىتىدە تەتقىق قىلىشقا بېغىشلانغان. بۈگۈنكى كۈندە ئالتاي تۆت مەملىكەتنىڭ تېررىتورىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان. ئا. كامالوف چوڭ ئالتاينى تەتقىق قىلىشتا بولۇپمۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەجدادلىرى ئالتايدىن كېلىپ چىققان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالتاي ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ۋەتىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئالتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق تۈركىي خەلقلىرى بىرلىكىنىڭ سىمۋولى بولۇشى ھەم ئۈچ ئەپەندى نەشر قىلغان جۇرنالنىڭ شۇ نام بىلەن ئاتىلىشىمۇ تاسادىپىي ئەمەس.
ئا. كامالوف ژۇرنالنىڭ ئىلگىرىكى ۋە يېڭى سانى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «كېيىنكى ۋاقىتتا ژۇرنال ماۋزۇ پرىنسىپىغا قاراپ، يەنى ئۇنىڭ بىر سانى پۈتۈنلەي بىر مەسىلىگە بېغىشلىنىپ، نەشر قىلىنىشقا باشلىدى. ھازىرغىچە ئىسلام ۋە تۈركشۇناسلىق بويىچە سانلىرى يورۇق كۆردى. ژۇرنالنىڭ بۇ قېتىمقى سانى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە بېغىشلاندى. مەزكۇر ساننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئوقۇرمەنلەرنى قازاقىستاندىكى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى بىلەن تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭدىكى بىر نەچچە ماقالىلەر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ پائالىيىتى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئايرىم ساھەلىرى، مەسىلەن، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق، مەنبەشۇناسلىق ساھەلىرى بىلەن تونۇشتۇرىدۇ. بىز دۇنيانىڭ بارلىق ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركەزلىرىدىكى بۇ ئىلىمنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولالمىدۇق، پەقەت ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تونۇشتۇرۇشنى توغرا كۆردۇق».
«چوڭ ئالتاي دۇنياسى» ژۇرنىلىدا قازاقىستانلىق ئالىملاردىن تاشقىرى، رۇسىيەلىك ئالىملاردىن رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى شەرق تارىخى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، پروفېسسور دىمىترىي ۋاسىليېف، مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مەركىزىي ئاسىيا، كاۋكاز ۋە ئۇرال-ۋولگا تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى ئالېكساندىر ۋاسىليېف، شۇنداقلا ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زامانىۋى خىتاي تارىخى بويىچە لېكتورى دېۋىد بروفى ۋە توكيو چەت ئەللەرنى تەتقىق قىلىش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى جۇن سۇگاۋارانىڭ تەتقىقاتلىرى بېرىلگەن. ئا. كامالوف بۇ تەتقىقاتلارنىڭ مەزمۇنىنى تۆۋەندىكىچە چۈشەندۈردى: «مەسىلەن، تونۇلغان رۇسىيەلىك تۈركشۇناس دىمىترىي ۋاسىليېف تۇۋادىكى پور-باجىن قەلئەسى توغرىلىق تەتقىق قىلسا، ئەمدى ئالېكساندىر ۋاسىليېف رۇسىيە ۋە تۈركىيە ئوسمان ئىمپېرىيىلىرىنىڭ يەتتىشەر ئۇيغۇر دۆلىتىگە نىسبەتەن ئېلىپ بارغان سىياسىتى ھەققىدە ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى رۇسىيە ۋە تۈركىيەدىكى ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن. ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس دېۋىد بروفى بولسا، سۈرىيەلىك مۇسۇلمان ئالىم شامى دامۇللانىڭ ‹قانۇن-ئەل-سىن›، يەنى ‹خىتايدىكى ھوقۇق› ناملىق ئەسىرىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە ‹ئىلى كىتابى›، يەنى ‹ئىمپېراتور كاڭشىنىڭ ئېلانى› دېگەن ئەمگەكتىن تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شامى دامۇللا بۇ كىتابنى 1906-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن قايتىپ كەلگەندە ئەرەب تىلىدا يازغان. ياپونىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس جۈن سۇگاۋارانىڭ ماقالىسى ئابدۇراخمان پادىشاھ ھەققىدىكى ئۇيغۇر داستانىنىڭ تېكىستلىرىنى ئانالىز قىلىشقا بېغىشلانغان بولۇپ، بۇ تېكىستلەر ئۆز ۋاقتىدا نېمىس ئالىمى مارتېن خارتمان تەرىپىدىن يېزىۋېلىنغان. ئۇلار ھازىر گېرمانىيەدە ساقلانماقتا».
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرى چەتئەللەردە نەشر قىلىنىدىغان ئىلمىي توپلاملاردا پات-پاتلا بېسىلىدۇ. مۇشۇ يىلى ئۇلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن رۇسىيەنىڭ «تۈرك دۇنياسىنىڭ خەۋىرى»، ئىتالىيەنىڭ «ئورىئېنتە مودېرن»، يەنى «زامانىۋى شەرق» ناملىق ژۇرناللىرىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ھەر خىل مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان ئىلمىي ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى خالمىنەم مەسىموۋانىڭ تەكىتلىشىچە، مەركەز ئالىملىرى شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر خىل مەملىكەتلىرىدە ئۆتىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، شۇ جايلاردا نەشر قىلىنىدىغان ئىلمىي توپلاملاردىمۇ ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ «چوڭ ئالتاي دۇنياسى» زھۇرنىلىنىڭ بۇ سانىدىكى ئەنە شۇ ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ ئەمگەكلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەزكۇر ژۇرنالدىن ئالىملىرىمىزنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان ماقالىلىرىنىڭ ئورۇن ئېلىشى بىز ئۈچۈن چوڭ يېڭىلىق ھەم خۇشاللىق، ئەلۋەتتە. ژۇرنالدىكى ماقالىلەردىن ئىككىسى، يەنى فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتلىرى رۇسلان ئارزىيېف بىلەن رەخمەتجان يۈسۈپوفنىڭ تەتقىقاتلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلى بىلىمىنىڭ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىش مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان. تارىخچى ئابلەت كامالوفنىڭ ماقالىسىدە ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىق قىلغان مەسىلىلىرى، مەركەز رەھبىرى، پروفېسسور رىسالەت كەرىموۋانىڭ ماقالىسىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى، ئۆزۈمنىڭ تارىخچى دوكتور زۇلپىيە كەرىموۋا بىلەن بىرلىشىپ يازغان ماقالەمدە شەرقىي تۈركىستاندا 18- ۋە 19-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەرەب يېزىقىدىكى قوليازمىلار قاراشتۇرۇلىدۇ. شۇنداقلا ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ نامزاتى گۈلجاھان ھاجىيېۋا بولسا، ‹شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاينىڭ يېڭى رايونلۇق ئىستراتېگىيىسىدىكى ئورنى›نى تەتقىق قىلغان.»
خ. مەسىموۋا كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيا ئىلمىي مەركەزلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.