تۈركىيەدە ئۆمرىنى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئاتىغان نەۋزات تۈركتەن ئالەمدىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

ئۆمرىنى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئاتىغان پېشقەدەم سىياسەتچى، ئادۋوكات، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى نەۋزات تۈركتەن ئەپەندى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ نامىزى، 10-چېسلا چۈشتىن كېيىن قەيسەرىدىكى چوڭ مەسچىتتە چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن قەيسەرى شەھەر قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. دەپنە مۇراسىمىغا قەيسەرى شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇستافا چېلىك، قەيسەرى ۋالىيسى، تۈركىيە پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سادىق ياقۇت ئەپەندى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدا 50 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشتى. بىز مەرھۇم توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە مەرھۇمنى 51 يىلدىن بېرى تونۇيدىغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دەپنە مۇراسىمىغا شەھەر باشلىقى، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى باشچىلىقىدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، مەرھۇمنىڭ مېيىتىنىڭ ئۈستىگە كۆك بايراق يېپىلغان ھالدا نامىزىنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچى مەرھۇم نەۋزات تۈركتەن ئەپەندىنى 1965-يىلىدىن تارتىپ تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇم نەۋزات تۈركتەننىڭ ئادۋوكات، سىياسىيون ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇم نەۋزات تۈركتەن ئەپەندىنىڭ 46 يىلدىن بېرى «ئەجىيەس» ناملىق بىر ژۇرنال چىقىرىۋاتقانلىقىنى، مەرھۇمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ژۇرنالنىڭ ھەر سانىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 2015-يىلى نەۋزات تۈركتەن ئەپەندىگە تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، نەۋزات تۈركتەننىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ياردىمى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تون ۋە دوپپا كىيدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

نەۋزات تۈركتەن ئەپەندى 1928-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى قەيسەرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1952-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەيسەرىدە ئادۋوكاتلىق قىلىشقا باشلىغان. مەرھۇم نەۋزات تۈركتەن ئەپەندى كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتلار ئارقىلىق قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىپلا قالماستىن، ئەرجىيەس ژۇرنىلى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قەيسەرىدە ۋە تۈركىيەدە تونۇلۇشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان.