ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ مارت تىلەكلىرى

0:00 / 0:00

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى قۇتلۇقلايمىز. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قىز-ئاياللارنى قەدىرلەش سۆيۈش ۋە ھۆرمەتلەش ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلانغان، ئۇلارغا ئاتالغان بۇ بايرام ھەر خىل شەكىل ۋە ئۇسۇللاردا تەبرىكلىنىۋاتقان ئەھمىيەتلىك بىر كۈندە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ سىياسىي تەربىيىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ھەر ساھەلەردە بەلگىلىك نەتىجىلەر قازانغان بىر قىسىم ئۇيغۇر خانىم قىزلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىدە ئوينايدىغان رولى ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى ۋە بايراملىق ئىزگۈ-تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ 8-مارت خانىم قىزلار بايرىمىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدىن، بۇ بايرامنىڭمۇ سىياسىي بىر تۈس ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 7-مارت تەڭرىتاغ تورى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننىڭ-8 مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان باياناتىنى ئېلان قىلدى.

جاڭ چۈنشەن باياناتىدا ئۇيغۇر ئېلى ئاياللىرىنى دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى ۋە ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشقا ئۈندىگەن.

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، 6-مارت شايار ناھىيەسىنىڭ ئاياللار بىرلەشمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئىدارە-ئورۇنلار كوچىغا چىقىپ، تەشۋىقات ماتېرىيالى، تەشۋىقات ۋەرەقچىسى تارقىتىش، مەسلىھەت بېرىش شەكىللىرى ئارقىلىق، خىتاينىڭ «ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى»، «ئائىلە زۇلمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»، «دىنىي سىياسىتى»، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى كەڭ تەشۋىق قىلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ، شايار ناھىيىسىدە ‹8-مارت› ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، مۇشۇ ئاي ئىچىدە ناھىيە ۋە ھەر قايسى يېزا-بازار(مەيدان) لاردا داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ھەر قايسى ناھىيىلىك مەمۇرىي ئۇچۇر تور بەتلىرىدىكى خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھىرىدە ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئايال كادىر، مەھەللە كومىتېت ئايال ھەيئەتلىرى ۋە ھەر قايسى ئورگانلاردىن 100دىن ئارتۇق ئايالنى شەھەرلىك پارتىيە مەكتىپىگە يىغىپ دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيىسىگە قاتناشتۇرغان. ئاقسۇنىڭ ھەر قايسى يېزا، كەنتلىرىدە 13 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جەمئىي 159 لېكسىيە مەيدانىدا بىرلا ۋاقىتتا دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يامان ئاقىۋىتى ھەققىدە لېكسىيە ئاڭلاشقا قاتناشتۇرۇلغان.
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «8-مارت ئاياللار بايرىمى» باھانىسىدە ئاياللارنى تەربىيىلەش سىياسىي پائالىيەتلىرى ھەر قايسى جايلاردا ئوخشىمىغان شەكىللەردە سىياسىي يۇقىرى دولقۇنىنى ھاسىل قىلغان.

باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئىشخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاكتىپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، مەسئۇلىيەتچان ئۇيغۇر خانىمى زۇبەيرە خانىم، خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك ئاياللارغا بايرام بولغان بىر كۈندىنمۇ سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىشىنىڭ ئۆزىلا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ مۇلاھىزە قىلدى ۋە بۈگۈنكىدەك ئەھمىيەتلىك بىر كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، ئاياللارنىڭ، ئۆز خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۈرمىلەردە زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بەكرەك ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بارلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئەركىنلىك ئارزۇسى ئۈچۈن ئۈمىدىنى ئۆزمەسلىككە چاقىردى. زۇبەيرە خانىم سۆزىنى «مەن ئۇيغۇر خانىملارنىڭ جۇشقۇن روھىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى بىز ھەق تەرەپتە» دەپ خۇلاسىلىدى.

تۆت پەرزەنتىنى جەمئىيەتكە ياراملىق قىلىپ تەربىيىلىگەندىن باشقا، ھاياتىنىڭ 30 يىلىنى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا بىلىم بېرىشكە بېغىشلىغان، ئۈرۈمچى قارلەيلىسى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى رەيھانگۈل مۇئەللىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاتىرجەملىك تىلىدى. ئۇ نۆۋەتتە «ئەيدىزنىڭ يامرىشىنى كونترول قىلىش» نىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قازاقىستاندىكى تىلشۇناس دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا خانىم: «مەيلى بىز ئۇيغۇرلار قانداقلا سىياسىي شارائىتتا ۋە ياكى قانداقلا تارىخىي ۋەزىيەتتە بولمايلى، قىز-ئاياللارنى تەربىيىلەشتەك ئەنئەنىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك، چۈنكى شۇنداق بولغاندىلا كېيىنكى ئەۋلادلار كىملىكىنى يوقاتمايدۇ» دېدى.

ئون نەچچە يېشىدا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن، ئون نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ھازىر دورىگەرلىك كەسپىدە دوكتور ئۇنۋانىنىڭ ساھىبى، ئامېرىكا دورا ۋە يېمەك ئىچمەك تەكشۈرۈش ۋە كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسىغا، ئائىلىدە مېھرىبان ئايال، ئىككى پەرزەنتنىڭ ئانىسىغا ئايلانغان ئۇيغۇر قىزى دىلارە ھانىم: «بالىلىرىمنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم» دەيدۇ.

ئۇ يەنە ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە بېسىم ئاستىدىكى ئۇيغۇر قىزچاياللىرىنى ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا، ئىمان، ئىنساپ ۋە ئىشەنچىگە ئىگە بولۇشتىن سىرت، تىرىشچانلىقىنى توختاتماسلىققا دەۋەت قىلدى.

دىلارە «ھەر قانداق ئايال بىر تۆھپە قوشقۇچى، بىر ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەپ چىقىش ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قوشالايدىغان ئەڭ زور تۆھپىسى، بىز ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىمىز ناھايىتى چوڭ» دېدى.