رابىيە قادىر خانىم تۈركىيەدىكى خەلقئارا ئاياللار يىغىنىغا ۋىدېئو ئارقىلىق قاتناشماقچى

0:00 / 0:00

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا «خەلقئارا دۇنيا ئاياللار بايرىمى» تېمىسىدا خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلماقچى.

8-مارت كۈنى ئەتىگەندىن ئاقشامغىچە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مىمار كەمالەتتىن يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا ئاياللارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئاياللار ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتنىشىدىكەن. ھىندىستاندىن ئەلا گاندى خانىم، جەنۇبىي كورېيەدىن پروفېسسور دوكتور گاپ ھەئە كو، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىنسان ھەقلىرى قەھرىمانى مارىنا پىسكلاكوۋا خانىم، ئەزەربەيجاندىن سىئانا جافاروۋا خانىم، تۈركىيەدىن پروفېسسور دوكتور ئايلىن گۆرگۈن باران ۋە پروفېسسور دوكتور سۇنا باشاق خانىملار قاتناشماقچى. ئۇيغۇرلارنىڭ لىدەرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، رابىيە خانىمغا ۋاكالىتەن مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات قاتناشماقچى. يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرى خانىم 8-مارت كۈنى ئېچىلىدىغان يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئامېرىكىدىكى ۋاقتىمدا رابىيە قادىر خانىم بىلەن تونۇشۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندۇق. رابىيە خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىمىزنى تۈركىيەدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن ئورتاقلاشتۇق. رابىيە خانىمغا ئۇنىۋېرسىتېتىمىزمۇ قىزىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتىمىز 8-مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمىدا دۇنيادىكى مەشھۇر ئايال پائالىيەتچىلەرنى چاقىرىپ يىغىن چاقىرماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتە رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدا شىمالىي ئافرىقا، رۇسىيە، كورېيە، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەردىن داڭلىق ئايال پائالىيەتچىلەرنى چاقىرىپ، چوڭ يىغىن چاقىرىپ، دۇنيا ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرىنىلا ئەمەس، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە چارە يوللىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقچى. بۇ يىغىنغا ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ رەھبەرلىرى، سىياسەتچىلەر، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشماقچى.»

رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېلىپ قاتنىشىشى ئۈچۈن تەكلىپنامە ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەمما رابىيە قادىر خانىم ئۆزىگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن رەئىسىنى ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تەكلىپنامە ئەۋەتتۇق. ئەمما رابىيە خانىم ۋىزا ئالالمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى تۈركىيە ۋىزا بەرمىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ بىلەلمىدۇق. ئەمما ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئۆمەر قانات ئەپەندىنى ئەۋەتتى. رابىيە قادىر خانىم ۋىدېئو ئارقىلىق قاتنىشىپ يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلماقچى.»

ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە چاقىرىلغان خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىغا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەكلىپ قىلىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

8-مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلقئارا بايرام. بۇ كۈندە نۇقتىلىق ھالدا ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئاياللارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى قۇتلۇقلانماقتا.

مەزكۇر بايرام تۈركىيەدە 1921-يىلى تۇنجى قېتىم «ئەمگەكچى ئاياللار كۈنى» نامى بىلەن تەبرىكلەنگەن ئىكەن.