8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزى قەيسەرى شەھىرىگە جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئاياللار بۆلۈمى ئۇيغۇر ئاياللارغا ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سائادەت پارتىيىسى ئاياللار بۆلۈمى، تۈركىيە مەمۇرلار بىرلەشمىسى جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمى شۇنداقلا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللار ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، ئۇيغۇر ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
«شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئاياللار بۆلۈمى باشلىقى رابىيە ئىلكتۈرك خانىم تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ تۇغۇش ھوقۇقىنىڭ قولىدىن ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلىنغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللار ئانا بولۇش ھوقۇقىدىن ۋە شەپقەت بىلەن چوڭ قىلىدىغان بىر پەرزەنتكە جان بېرىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى، ئۇلارنىڭ ئانا بولۇش چەكلەندى. خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتى پىلانلىق تۇغۇت نوپۇس سىياسىتى ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە كەلگۈسىنى يوق قىلىشتۇر. تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى ئاستىدا بوۋاقلار ئېلىپ تاشلانغانغا ئوخشاش، نەچچە مىڭلىغان ئانا ھاياتىدىن ئايرىلدى. نەچچە مىڭلىغان ئانا توغماس ھالغا كەلتۈرۈلدى.»
باياناتتا يەنە، ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ تىراگېدىيەلىرىدىن بىرىنىڭ بىگۇناھ تۇتۇلۇپ تۈرمىلەرگە قامىلىۋاتقان ياشلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈرەكلىرى پارە-پارە بولۇپ ئازاب ئىچىدە كۆز يېشى تۆكۈشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.
«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئاياللار بۆلۈمى باشلىقى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، 8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللار ئۈچۈن ھېچقانداق مەنە ئىپادە قىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇر ئاياللار پۈتۈن ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى، دۇنيادىكى باشقا ئاياللاردەك ھەق-ھوقۇققا ئىگە بولۇپ ياشاش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.
تۈركىيە مەمۇرلار ئۇيۇشمىسى ئاياللار كومىتېتى 8-مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ يىغىنى ئۇيۇشتۇردى ۋە خەلقئارا جامائەتنى، سۈرىيە، مىسىر، پەلەستىن، شەرقىي تۈركىستان، ئىراق، بوسنىيە ھەرسەكتىكى ئاياللارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنى سائادەت پارتىيىسى ئاياللار بۆلۈمى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ قاتتىق قوللۇق ۋە ئىسكەنجە ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.
سائادەت پارتىيىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ رەئىسى سۈمەييە گۈندوغدۇ خانىم باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە بىرمىدا، ئاراقاندا، شەرقىي تۈركىستاندا، ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش ئىچىدە قالغان ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان شىددەت ۋە قاتتىق قوللۇق، ئىسكەنجە ۋە ئاياغ ئاستى قىلىشلار كۆرمەسكە سېلىنىۋاتىدۇ. 8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىز سائادەت پارتىيىسى ئاياللار كومىتېتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، نەچچە مىليون ئاياللار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە جىنايەتلەرگە سۈكۈتتە قېلىۋاتقان، كۆزلىرىنى يۇمغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئەيىبلەيمىز. ھەق ۋە ئادالەت مەركىزى بولغان يېڭى بىر دۇنيا سىستېمىسىدا ئاياللارنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ھۇزۇر، خۇشاللىق ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»