يېقىندا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەرقۇل ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يۈز سوئالغا جاۋاب» ناملىق كىتابنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىستانبۇلدىكى رۇمۇز نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب 221 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەزكۇر كىتاب «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسىي مەسىلىسى ۋە تەلەپلىرى نېمە؟»، «چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى قانداق ئېلىپ بېرىلماقتا؟»، «كىشىلىك ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلاتلىرى بارمۇ؟»، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى نېمە؟»، «شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟» دېگەنگە ئوخشاش 100 سوئالنىڭ جاۋابىدىن ئىبارەت.
مەزكۇر كىتاب توغرىسىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن دوكتور ئۆمەرقۇل ئەپەندى، كىتابنى يېزىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ تۈركىيەدە تارقىلىپ يۈرگەن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى خاتا مەلۇماتلارنى تۈزىتىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ھەتتا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى نۇرغۇن خاتا مەلۇماتلاردىن بىئارام بولۇۋاتقان كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىزدىن سوئاللار سورىدى. شۇڭا بۇ ھەقتە نېمىلەر كەم؟ كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا نېمىلەرگە قىزىقىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كىشىلەر بىلىشنى خالايدىغان 300 ئەتراپىدا سوئالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدۇق. 300 سوئالنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بېرىپ تەييارلىساق بەك چوڭ ھەجىملىك كىتاب بولۇپ كېتىدىغان بولغاچقا بۇلارنىڭ ئىچىدىن 100 سوئالنى تاللاپ جاۋاب بېرىپ بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم.»
«شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى 100 سوئالغا جاۋاب» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تۆھپىسى بولار؟ دېگەن سوئالىمىزغا دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «خىتاينىڭ سىياسىتى تۈپەيلىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن توغرا مەلۇمات ئىگىلىيەلمەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ بۇ ھەقتە كۆپ خاتا مەلۇماتلار بار. بىزنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر تەرىپى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۈرك خەلقى بەكلا قىزىقىدۇ. بۇ قىزىقىش كۆپ خاتا مەلۇماتلارنىمۇ پەيدا قىلدى. بۇ خاتا مەلۇماتلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقتىم.»
دوكتور ئۆمەرقۇل ئەپەندى 100 سوئالنىڭ جاۋابىنى ئوقۇغان كىشىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا بۇرۇن نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ھازىر نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىشى ئۆتمۈشتە شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولدى؟ بۈگۈن نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟ كېلەچەكتە نېمىلەر بۆلىشى مۇمكىن؟ پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، خىتايدا، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە كېلەچەكتە ئۇيغۇرلارغا ئۈچۈن قانداق بىر ۋەزىيەت پەيدا بۆلىشى مۇمكىن؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ بىر گەۋدە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم».
دوكتور ئۆمەرقۇل ئەپەندى كىتابنىڭ تۈركىيەدە كىتابخانىلاردا، رۇمۇز نەشرىياتىنىڭ تور بېتىدە ۋە بەزى كىتاب سېتىش شىركەتلىرىنىڭ تور بېتىدە سېتىلىشقا باشلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىتابنى ئېلىشنى خالىغانلار رۇمۇز نەشرىياتىدىن ياكى كىتاپيۇرتى، بابىلگە ئوخشاش كىتاب سېتىش ۋە تارقىتىش تور بېكەتلىرىگە كىرىپ سېتىۋالسا بولىدۇ. نەشرىيات مەسئۇللىرى بىلەنمە سۆزلەشتىم، كىتابنى توپ سېتىۋالساڭلار، بۇنىڭدىن چۈشكەن كىرىمنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە ئىئانە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى سۈپىتىدە تارقىتىپ بەرمەكچىمىز.»
بىز «شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى 100 سوئالغا جاۋاب» ناملىق كىتاب توغرىسىدىكى باھاسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، كىتابنى يېزىشتا ئىشلىتىلگەن مېتودنىڭ ناھايىتى ئىلمىي بىر ئۇسسۇل ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ ئەسەر، تۈركىيەدە 1960-يىللاردا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قوللانما سۈپىتىدە نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى» ناملىق كىتابى، 1980-يىللاردا ئەركىن ئالىپتېكىن يازغان «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» ناملىق ئەسەردىن كېيىن نەشر قىلىنغان «قوللانما» سۈپىتىدە يېزىلغان ئۈچىنچى كىتاب ھېسابلىنىدىكەن. ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ھازىر تۈركىيەدە بۇنداق بىر كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقى ۋە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەرقۇل ئەپەندىنىڭ 2008-يىلى، نەشرگە تەييارلىغان «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئەسلىمىلىرى»، 2009-يىلى، «باتۇرلار: شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي كۈرەش تارىخى»، 2010-يىلى بولسا «ئوسمان باتۇر خان» قاتارلىق 7 كىتابى نەشر قىلىنغان. دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىنىڭ بۇلاردىن سىرت 30 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭمۇ كۆپى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىكەن.
0:00 / 0:00