ئالمۇتادا مىللىي ئارمىيەنىڭ 73 يىللىقى ۋە «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 28 يىللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

8-ئاپرېلدا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «ئارزۇم» رېستورانىدا 1990-يىلىدىكى بارىن ۋەقەسىنىڭ 28 يىللىقى، 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ 73 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇراسىمغا شەھەر ۋە ناھىيەلەردىن بولۇپ 150 كە يېقىن ئادەم قاتناشتى. بۇ پائالىيەتكە يەنە 1945-1949-يىللىرى ئارىسىدا مىللىي ئارمىيەگە قاتناشقان بىر قانچە ھايات شاھىتلارمۇ قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ قازاقىستاندىكى ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەت ئازادلىق، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. ئاندىن سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ئىسلام يۈسۈپوف «بارىن ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى» تېمىسىدا دوكلات قىلدى. ئۇ بارىنلىقلارنىڭ ئادالەتلىك تەلەپلىرىنى ئورۇندىمىغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىنچ ئاھالىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بارىن قوزغىلىڭىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت ئاغدۇرۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاندىن سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى شاھىدەم يۈسۈپوۋا 1944-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىققا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى بىلەن 1945-يىلى مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئۇنىڭ ئازادلىق كۈرەش مۇساپە تارىخى ھەققىدە دوكلات قىلدى.

خەلقئارا ۋەزىيەت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتى ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىن ۋاقىتلاردىكى پائالىيىتى ھەققىدە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى دوكلات قىلدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە 1990-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدا يۈز بەرگەن «بارىن ئىنقىلابى» نىڭ ئەھمىيىتىنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىش كېرەكلىكىنى، بارىن، غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

قەھرىمان غوجامبەردى ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن تەقدىردە ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى، جۈملىدىن قازاقىستانغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. سىياسەتشۇناس ئۆز سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ چېكىگە يېتىپ، بۇنىڭ بىر قاتار مەملىكەتلەرنىڭ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم، دولقۇن ئەيسا ۋە باشقىلار تەرىپىدىن جىددىي ئىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى توختاسۇن ئاكا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ھازىر بولۇپمۇ ياۋروپا مەملىكەتلىرىدە كەڭ قانات يايغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ جاي-جايلاردا تېخىمۇ كۈچىيىشى ئۈچۈن ئۇنى مەنىۋى جەھەتتىن تاشقىرى يەنە ماددىي جەھەتتىنمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف بولسا، ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ شاھىتى بولغانلىقىنى ئەسلىدى.

ئۇ، ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان سەنئەتكار سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى مەيدانغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى جەڭچىلىرىنىڭ قەھرىمانلارچە يۈرۈش قىلغانلىقىدىن نەچچە ئونلىغان يىللاردىن كېيىن بولسا، بارىن قوزغىلىڭى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرقى پائالىيىتىدىن تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئاز ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا يېڭى سايلانغان دولقۇن ئەيسا ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كۆپلىگەن پارلامېنتلاردا بىزنىڭ داۋايىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ياخشى بوپتۇ. چۈنكى بارغانسېرى ئۇيغۇر داۋاسىنى دۇنيا تونۇۋاتىدۇ. ئەمدى ئالدىمىزدا بىريۇسسېلدا چوڭ نامايىش بولماقچى. قازاقىستاندىنمۇ بىر تۈركۈم ۋەكىللەر بارىدۇ. ئۇلار ياۋروپا خەلقىگە، پارلامېنتىغا، دۇنياغا بىزنىڭ داۋايىمىزنى يەتكۈزسىكەن، دەيمەن».

ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى گۈلۋەرەم توختاخۇن قىزى بۇ پائالىيەتتە ياشلارنىڭ ئاساسىي دوكلات قىلىشقا جەلپ قىلىنغانلىقىنىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە كۆپلەپ قاتناشقانلىقىنىڭ كۆپچىلىكنى خۇشال قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن بۈگۈن ئالغان تەسىراتىمىز ئىنتايىن چوڭقۇر. بىز كېلەچەككە ئۈمىد قىلىمىز. بىزمۇ بىر كۈنى شۇ يورۇققا چىقىمىز. بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق بولغان يەردە بەرىكەت، ۋەتەن بولىدۇ».

مۇراسىم ئاخىرىدا سۆزگە چىققان «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى» نىڭ ئەزاسى نايىلەم ھەمرايېۋا بارلىق ئۇيغۇرلارنى 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيە خاتىرە كۈنى بىلەن تەبرىكلىدى. ئۇ ھازىر سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى سانىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، شۇ شانلىق دەقىقىلەرنىڭ شاھىتلىرىنىڭ يەنىمۇ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بىر قانچە شۇنداق كىشىلەرگە سوۋغىلار تاپشۇردى.

قازاقىستان، قىرغىزىستانلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەر يىلى 8-ئاپرېلدا، يەنى، 1945-يىلى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىدە تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە، بۇرۇن مەزكۇر مىللىي ئارمىيەگە قاتناشقانلار كۆپ بولسا، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھازىر ئۇلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز قالغان.

قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1997-يىلىدىكى، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»، 1990-يىلىدىكى «بارىن ۋەقەسى» ۋە 2009-يىلىدىكى «-5ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى‏» قاتارلىق زور تارىخى ۋەقەلەرنىمۇ خاتىرىلەپ كەلمەكتە.