شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ مۇھىم باسقۇچىدىكى تىپىك قۇرۇلۇش «خەلق تىياتىرى»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ئاق قۇۋۇققا جايلاشقان «خەلق تىياتىرخانىسى» 1954-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلاپ 1957-يىلى پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە كىرىشكەن. ئۇ ئۈرۈمچى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋروپا-ئاسىيا مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان نۇقتىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، 2004-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان شەھەر دەرىجىلىك مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. نۆۋەتتە مەملىكەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇپ قالغان تىياتىرخانا 17-مارتتىن باشلاپ تاقىلىپ رېمونت قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، رېمونت قىلىش خىزمىتى ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرىلىرى تاماملىنىدىكەن. «خەلق تىياتىرخانىسى» 55 يىل مابەينىدە نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى بولۇپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. ئىنتايىن كۆركەم ھەم مۇستەھكەم بۇ بىنا يەنە، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇھىم باسقۇچىدىكى تىپىك قۇرۇلۇش ئىكەنلىكى بىلەنمۇ مەشھۇردۇر.

خەلق تىياتىرخانىسى ئۈرۈمچىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپلا قالماستىن، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇرۇلۇشتۇر، بۇ قۇرۇلۇش ئۈرۈمچىنىڭ يۈرىكى ئاق قوۋۇق (بۇرۇن رەستە دەپمۇ ئاتىلاتتى) قا ئىنتايىن ياراشقان ئۆزگىچە بىناكارلىق. تاماشىبىنلار بۇ يەردە كىنو ۋە ھەرخىل كونسېرتلارنى كۆرەلەيدۇ. ئۈچ قەۋەتلىك بۇ تىياتىرخانىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 9880 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بېزىلىش ئۇسلۇبىدا ئۇيغۇر قەدىمىي قۇرۇلۇش مەدەنىيەت ئەنئەنىسى نامايان قىلىنغان.

1957-يىلى پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغان. ھازىر بۇ تىياتىرخانا،بىر تىياتىر زالى، 15 كىنو زالى، 10 مىڭ دائىملىق ئەزاسى بار، يىلىغا 13 مىليون يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال، زامانىۋى تىياتىرخانىغا ئايلانغان. ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا بۇ تىياتىرخانىغا «مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» بەلگىسى ئېسىلغان.

مەدەنىيەت مىراسلىرى مەيلى قايسى مىللەتنىڭ بولسۇن، ئۇ پەقەت بىر مىللەت ياكى مەلۇم بىر دۆلەتكىلا تەئەللۇق ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنى قوغداش، قەدىرلەش مەسئۇلىيىتى بار.

خەلق تىياتىرخانىسى تاشقى قۇرۇلمىسى يەنى بىناكارلىق سەنئىتى جەھەتتە بىر گەۋدىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى بولۇپ قالماي، ئۇيغۇر مەدەنىيەت، سەنئەت تەرەققىيات تارىخىدىكى نۇرغۇن نادىر سەھنە ۋە تىياتىر ئەسەرلىرى قويۇلغان، خەلق ئاممىسىغا ئاجايىپ زوق ھەم ھاياجان بەخش ئەتكەن،نۇرغۇن تارىخىي زور ۋەقە ھەم پائالىيەتلەرگە سورۇن بولغان ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئورۇندۇر.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق تىياتىرىنى ئاپتونوم رايون ھەمدە مەملىكەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا، بۇ جاينىڭ شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى مەدەنىيەت، سەنئەت تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشىدە ئوينىغان رولىنىڭ مۇھىملىقى، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇھىم يىغىنلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 1-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ھەمدە خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ جايدا ئېچىلغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى سۆزلىشىۋاتقان بولسىمۇ، خەلق تىياتىرىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىدىن خەۋەردار ئۈرۈمچى زىيالىيلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، خەلق تىياتىرخانىسى گەرچە 1954-يىلىدىن كېيىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، بۇ بىناكارلىق ئەسلى 1938-يىلىدىن كېيىن ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ئۈرۈمچىدىكى مەركىزى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرلىرىدە يىغقان مەبلىغى بىلەن سېلىنغان ئىكەن.

ئەينى دەۋردە خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈرۈمچىگە كىرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ مەبلىغىنى بىردەك توڭلاتقان، كېيىن ئۈرۈمچى ئاقساقاللىرى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىپ بۇ پۇلنىڭ خەلقنىڭ پۇلى ئىكەنلىكىنى، خەلققە قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى قاتتىق تەلەپ قىلغان، نەتىجىدە مەبلەغنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى دەۋردىكى ئۆلكە مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەدئىمىن ئىمىنوف، مەدەنىيەت نازارىتى نازىرى زىيا سەمەدى قاتارلىقلارنىڭ پىكرى بىلەن، ئۈرۈمچىدە خەلقنىڭ بۇ مەبلىغى بىلەن خەلق تىياتىرىدىن بىرنى قۇرۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ تىياتىر نامى خەلق تىياتىرخانىسى دەپ ئاتالغان، شۇنداقلا خېلى بىر مەزگىلگىچە خەلقنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىدە ئاساسلىق سەھنە بولۇپ قالغان، مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە بولسا ئوخشىمىغان پاجىئەلىك بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراپ كەلگەن.

ئامېرىكىدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندى، خەلق تىياتىرىنىڭ مەيلى قانداقلا سەۋەب بىلەن بولمىسۇن، قوغدىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ «ئەگەر خىتاي مەدەنىيەت يادىكارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلسە، ئۇنىڭ كۆرۈنۈشىنىلا ئەمەس، تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە بۇ بىناكارلىقىنىڭ مەنىۋى ئەھمىيىتىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتتى.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىنو بازىرى باشقىچە جانلىنىپ، كىنو-تىياتىرخانىلارغا بېرىپ كىنو كۆرۈش كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. خەلق تىياتىرخانىسى كىنو قويغاندىن سىرت، يەنە تىياتىر، سەنئەت كېچىلىكلىرىنىمۇ ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. خەلق تىياتىرىدا 2008-يىلى«ئوسكار» كىنو شەھەرچىسى قۇرۇلۇپ 2011-يىلىغا كەلگەندە «ئوسكار» كىنو شەھەرچىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 29 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كىرىم جەھەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىنوخانىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتكەن.

«ئوسكار» كىنو شەھەرچىسىنى قۇرغۇچى خىتاي سودىگەرلەر بۇ شەھەرچىنى قۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلى كىنو بازىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، «شىنجاڭ»لىقلارنىڭ ئايلىق كىرىمى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىشىلەرنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەتكە ئالاھىدە ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى بايقىغان ئىكەن.

ئەلۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۇنداق زور مەدەنىيەت بايلىقىنى بايقىغان «ئوسكار» كىنو شەھەرچىسىدىكىلەرلا ئەمەس، ئىلگىرى بۇ تىياتېرخانىدا كۆپ قېتىم ئويۇن قويۇش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان خەلق كۈلكە چولپانلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى ئەينى چاغلاردا بۇ تىياتىرنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر تارىخىدىكى غايەت زور قىممەتكە ئىگە ئىشلار، سەنئەت سەھنە ئەسەرلىرى ۋە باشقا سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ روياپقا چىقىشى ۋە ئاممىغا دۇنياغا تارقىلىشىدا، ئۇيغۇر مەدەنىيەت، سەنئەت ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆزگىچە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان مەدەنىيەت مىراس -خەلق تىياتىرخانىسى ئۇيغۇر تارىخىي دەۋرلىرىنىڭ ماددىي ئىسپاتى سۈپىتىدە ئابىدە كەبى مەڭگۈ ساقلانغۇسى.