«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش تەكىتلەندى
2018.02.21

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بارلىق تىللارنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىنى تەكىتلەش مەقسىتىدە 2000-يىلىدىن ئېتىبارەن ھەر يىل 21-فېۋرال كۈنىنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» سۈپىتىدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
بۈگۈن، ب د ت پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى (UNESCO) بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق كۆپ خىل تىللارنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى. مەزكۇر ئورگان باياناتىدا، ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى ئانا تىل كۈنىنى ئۆز دۆلىتىدە مەۋجۇت بولغان بارچە تىللاردا تەبرىكلەش ئارقىلىق كۆپ خىل تىللارنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ تىنچ ۋە مۇقىم تەرەققىيات ئۈچۈن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشكە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى.
ھالبۇكى، UNESCO نىڭ بۇ چاقىرىقى دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنى پەيدىن-پەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «قوش تىل مائارىپى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان مائارىپنى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرلاۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. شۇڭا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئورگانلار ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى چەكلەش سىياسەتلىرىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى قارمىقىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىنى دەسسىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنى شىددەت بىلەن كۈچەيتىشىنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ، دەپ كۆرسەتكەن.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك بىر پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2017-يىلى 7-ئايدا مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، سېنتەبىردىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ياكى قوش تىل سىنىپلىرىغا ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش، دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى خىتاي تىلىدا تارقىتىشنى قارار قىلغان ئىدى. مەزكۇر قارار شۇ يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بولسا بۈگۈن بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئانا تىلى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ مائارىپتىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك سىقىپ چىقىرىلىشىنىڭ كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىر تىلنىڭ مائارىپتا قوللىنىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بۇ سىزنىڭ دۇنيانى تونۇش، يېڭى ئىدىيەلەر بىلەن تونۇشۇش ۋە دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى ۋاسىتىڭىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىن چەكلەشكە ئۇرۇنۇشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى قول قويغان خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ. شۇڭا ب د ت غا ئەزا باشقا دۆلەتلەر ۋە شۇنداقلا ب د ت ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلەرنىڭ تىل-يېزىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇشى، بۇنىڭ بىر جىنايەتلىكىنى ئۇنىڭ سەمىگە سېلىشى كېرەك».
ب د ت قارمىقىدىكى پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى كەمسىتىشكە بولمايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇنلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا بىر چەتكە قايرىپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي غەرىزىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش بىر ئىنسانىي ۋەزىپە»، دېدى.
ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بولسا سۆزىدە، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسى 10 ئاي ئۈزۈۋېتىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى تور بەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي غايىب بولغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئەركىن يېزىش، ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىنىڭمۇ ئېغىر دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قورقماي تۇرۇپ، ئۆز ئانا تىلىنى سۆزلىيەلىشى، يازالىشى كېرەك، دەپ ئەسكەرتتى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى نۆۋەتتىكى شارائىتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش ئىكەنلىكىنى، چۈنكى تىلنى ساقلاپ قالغاندىلا ئاندىن باشقا تارىخىي پۇرسەتلەرگىمۇ ھامان بىر كۈنى ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.