ئىستانبۇلدا «1916-يىلىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە چوڭ تۈركىستان قەتلىئامىنىڭ 100-يىلى» ناملىق يىغىن ئېچىلدى

0:00 / 0:00

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن، ئىستانبۇل باھچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە كاستامۇنۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «2-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركىستان قۇرۇلتىيى» ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

«1916-يىلىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە چوڭ تۈركىستان قەتلىئامىنىڭ 100-يىلى» دېگەن تېمىدىكى يىغىندا تۈركىستان دەر يەنى خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بورھان قاۋۇنجى، باغچىلار شەھەر باشلىقى لوقمان چاغىرجى، كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رېكتورى پروفېسسور دوكتور سېيىت ئايدىن ئەپەندىلەر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
يىغىنغا، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن تۈركىستانلىق ئاكادېمىكلەر، مۇخبىرلار ۋە يازغۇچىلار ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىستانلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بورھان قاۋۇنجى مۇنداق دېدى:«1916-يىلى تۈركىستانلىقلارنىڭ ھۆررىيىتى ئۈچۈن باشلاتقان قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە رۇسلار نەچچە مىڭلىغان تۈركىستانلىقلارنى شېھىت قىلدى. بۇ قىرغىن 7-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان 5 ئاي جەريانىدا ئەمەلىيلەشتى. شۇنداق بولسىمۇ بۇ پاجىئەدىن دۇنيانىڭ خەۋىرى يوق، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ خەۋىرى يوق. تۈركىيەنىڭمۇ خەۋىرى يوق، ئەڭ ئەجەبلىنەرلىكى بۇ ۋەقەدىن تۈركىستانلىقلاردىنمۇ كۆپىنچە كىشىنىڭ خەۋىرى يوق. بۇ ھەممىمىزنىڭ كەمچىللىكى شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پاجىئەلىك ئازابنى ئازراق بولسىمۇ ئازايتىش مەقسەتتە بۇ يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.»

بورھان قاۋۇنجى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئەجدادلارنىڭ ھۆررىيەت ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن ئەھۋال ئاستىدا جەڭ قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئاتالىرىمىز قوراللىرى بولمىسىمۇ، ئازادلىق ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن شەرتلەر ئاستىدا جەڭ قىلدى. 1916-يىلىدىكى پاجىئەدە تۈركىستانلىق ئاياللارنىڭمۇ ئالدىنقى سەپكە قاتنىشىپ جەڭ قىلغانلىقى بۇنىڭ بىر ئۈلگىسىدۇر. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قوزغىلاڭلار پەقەت مەلۇم بىرەر رايوندا ئېلىپ بېرىلغان بولسا 1916-يىلىدىكى قوزغىلاڭ تۈركىستاننىڭ پۈتۈن رايونلىرىدا ئومۇمىي خەلقنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.»

يىغىندا سۆز قىلغان كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى رېكتورى پروفېسسور سېيىت ئايدىن، 1916-يىلى يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنىڭ تارىختىكى ئەڭ قانلىق ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ پاجىئەلەرنى ئەسلەپ تۇرۇش لازىم».

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ يىغىندا جەمئىيەت باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان سۆز قىلىپ 1933-يىلى ۋە 1944-يىللاردىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ۋە بۇ ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.
بىز بۇ ھەقتە يىغىندا سۆز قىلغان ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان يىغىن ئاخىرىدا يىغىننىڭ بەش ماددىلىق خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا پۈتۈن تۈركىستانلىقلار بىرلىككە چاقىرىق قىلىندى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ناماز نۇرمۆمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.