ئانالىزچىلار: ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ چاغىنىنى ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسى مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى

0:00 / 0:00

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە، 9-فېۋرال كۈنى ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئونسۇ بازىرىغا قاراشلىق 15 مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خىتاينىڭ بەل دۇمباق ئۇسسۇلى، چوڭ باش بالىلار ئۇسسۇلى، ئەجدىھا ۋە شىر ئۇسسۇلى قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنداپ، 2018-يىللىق چاغان بايرىمىنى كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ناھىيە بازىرىدىكى 5000 دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ناھىيە-يېزىلاردا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن چاغاننى كۈتۈۋېلىش نامىدا ھەر خىل مەدەنىي پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيدى. «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تور» قاتارلىقلارنىڭ 12-13-فېۋرالدىكى سانلىرىدا يەنە، خوتەننىڭ نىيە ناھىيەسىدىكى 12 ياشلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدىكى خىتاي پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى زېڭ جىيەنخۇا ئىسىملىك «خىتاي بوۋىسى» بىلەن ئېكراندا كۆرۈشۈپ، پۈتۈن ئائىلىسىگە ۋاكالىتەن زېڭ جىيەنخۇۋا ئىسىملىك «خىتاي بوۋىسى» نىڭ چاغان بايرىمىدا ئۆزىگە ئەۋەتكەن چاغانلىق پۇلىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكى، «خىتاي بوۋىسى» نىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىگەنلىكى؛ 10-فېۋرال كۈنى بولسا قەشقەرنىڭ 90% تىن كۆپرەك ئاھالىسى ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلغان قاغىلىق ناھىيەسىدە «چاغاننى تەبرىكلەش» سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، «ۋەتەنگە مەدھىيە»، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەندەك قىزىل ناخشىلار خىتايچە ئېيتىلىپ، كومپارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلگەنلىكى، قەشقەر شەھىرىدىكى ئاۋات كوچىلارغا قىزىل پانۇسلار ئېسىلىپ، «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چاغاننى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋېلىش كەيپىياتى» يارىتىلغانلىقى قاتارلىق خەۋەرلەر بېرىلدى.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چاغانلىق ھەر خىل مەزمۇندىكى پائالىيەتلەر، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە خىتاي مەدەنىيىتى، مىللىي ئەنئەنىسى شۇنىڭدەك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقاتى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن.

ئوخشاش مەزگىلدە چەتئەللەردىكى فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مىللىتىنىڭ مىللىي بايرىمى-چاغاننى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، نارازىلىق ئىنكاسلىرىدا بولغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلارمۇ كۆپەيدى.

13-فېۋرال كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فەيسبوكقا يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن قايتىپ كەلگەن بىر قازاقىستان پۇقراسىنىڭ ئىنكاسى يوللاندى.

بۇ قازاق پۇقراسى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ، «بۈگۈن خىتايدىن كەلدىم. شەرقىي تۈركىستاندا ئەھۋال بەك ئېغىركەن، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەھۋالنى دېمەكچىمەن. شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش باھانىسىدە، ھەر بىر ئۆيگە 50 كويدىن پانۇس ئېلىش مەجبۇر قىلىنىپتۇ. ھەر بىر ئائىلە ئىشىكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە خىتايچە قىزىل قەغەزلىك مەسنەۋى ئېسىشقا مەجبۇركەن، ئەگەر بۇنى قىلمىسا ئىدىيەڭدە مەسىلە بار دەپ، 15 كۈنلۈك ئۆگىنىشكە ئېلىپ كېتىلىپ، بىر ئىككى يىل تۈرمىدە يېتىپ چىقىشى مۇمكىنكەن. ھەر بىر ئائىلىگە خىتايلارنى ئەكىرىپتۇ، چاغاندا ئۇ خىتايلار بازادىن چاغانلىق بەنشىر ئەكىرىپ، شۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىللە پىشۇرۇپ يەيدىكەن، بۇ بەنشىرنى قەيەردىن ئەكەلگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن، ئەگەر ئۇنىڭ ھالال ياكى ھالال ئەمەسلىكى سۈرۈشتە قىلىنسا، 15 كۈنلۈك ئۆگىنىشكە ئەكىتىلىپ، بىر ئىككى يىل كېسىلىشى مۇمكىنكەن. چوقۇم سورىماي مەجبۇر يېيىشى كېرەككەن. شەرقىي تۈركىستاندا ئەھۋال بۇنىڭدىن ئېغىر، ھەممىنى ئېيتىپ بولالمىدىم. بىز قازاقىستاندىن بارغان بولساقمۇ، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ بىز بىلەن كۆرۈشكۈدەك ئەھۋالى يوق»، دېگەن.

رادىيومىز ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىنمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» بولغان ئائىلىلەرنى بۇ يىللىق چاغاننى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشكە سەپەرۋەر قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۈرۈمچىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي ئايال بايانىدا، «بۇ يىللىق چاغاندا، ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر قوشنىمىز، يەنى، ‹قوشماق تۇغقىنىمىز› بىزنىڭ چاغىنىمىزنى تەبرىكلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ساڭزىسىنى سېلىپ ئەكىردى، چاغان كۈنى بىزمۇ بۇ ئۇيغۇر قوشنىمىزنى چاقىرىپ بىرلىكتە چاغاننى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتىمىز» دېدى.

نۆۋەتتە ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتتە ياشاۋاتقان بىر خانىممۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇغقىنىنىڭ بۇ يىللىق چاغاندا خىتاي «قوشماق تۇغقىنى» نى يوقلاشقا بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى، ئامېرىكىدىكى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ 1000 يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دىنىي بايراملىرىدىن روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە قارىتا تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىۋاتقان، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنى ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ئەركىن داۋاملاشتۇرۇشنى چەكلەۋاتقاندا خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ سىمۋوللۇق ئىپادىلىرىدىن بىرى بولغان چاغان بايرىمىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىشىنى مەدەنىيەت جەھەتتىن «كەمسىتىش» ۋە «ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن» قىلىنغان «مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى» دەپ كۆرسەتتى.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت، جۈملىدىن تىل-يېزىق، مىللىي ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلارغا قاراتقان يەكلەش سىياسىتىنىڭ ئاللىقاچان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىگە ۋە خەۋەر ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بايانىدا يېقىندىن بۇيان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن باشقا، خەلقئارادا تەسىرى كۈچلۈك بولغان تاراتقۇلاردىن ئامېرىكىنىڭ س ن ن، نيۇ-يورك ۋاقتى ھەم رويتېرس، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا تاراتقۇلاردا بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەت قىلىش، يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قاماش، دىنىي. ئىلمىي زىيالىيلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ۋە تەپسىلاتلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەتتا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پېڭ ئەپەندىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە چاغاننى ئۇيغۇرلارغا تېڭىشىنىڭ يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاش، خىتاي كومپارتىيەسىنى مەدھىيەلەيدىغان قىزىل ناخشىلارنى ئېيتقۇزۇپ، ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە زورلاش قىلمىشلىرىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىش ئەمەس ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.

ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەممۇ ئوز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرقى مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ قاراشلىرىغا تايانغاندا، مەدەنىيەتلەر پەقەت ئۆزئارا تەڭ باراۋەرلىك ۋە ئىختىيارى يوسۇندا قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى شەرق ۋە غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇيغۇرلار تارىختا باشقىلارنىڭ ئىلغارلىقلىرىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوبۇل قىلغان ۋە ئۆزلىرىمۇ باشقىلارغا ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى تارقاتقان. باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنى ۋە مىلى ئەنئەنىلىرىگە چەك قويۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرى، ھەتتا بايراملىرىنى مەجبۇرىي تېڭىش ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن دېرەك بېرىدىكەن.