خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەتسىز قىلمىشلىرى ياپونىيە پۇقرالىرىنى يىرگەندۈردى

0:00 / 0:00

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان خىتاي ساياھەتچىلىرىگە ئائىت بەزى سەلبىي باھالار ياپونىيەگە كەلگەن خىتايلارنىڭ يەرلىك كىشىلەرنى يىرگەندۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ب ب س نىڭ خىتايچە بۆلۈمىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا 2015-يىللىق دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە ساياھەتكە كەلگەن زور ساندىكى خىتاي ساياھەتچىلەر بۇ يىل سان جەھەتتىكى ھەسسىلەپ ئېشىش بىلەن ئەمەس، بەلكى شەخسىي ھەرىكەتتىكى ئەخلاقسىزلىق ۋە مەدەنىيەتسىزلىك بىلەن يەرلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشمەكتە. شۇنداقلا چەتئەللەردە ئەڭ قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەردىن بولۇپ قالماقتا. خىتاينىڭ تېڭشۇن تورىدا بەس-مۇنازىرە قوزغىغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرىدە ياپونىيەلىك سېتىقچى ئايال مۇنداق دەيدۇ:
«ئىككى نەپەر خىتاي ساياھەتچى دۇكىنىمغا كېلىپ مەندىن سورىمايلا خېرىدارلار ئۈچۈن تىزىپ قويغان قىيما كاۋىپىنى قولى بىلەن ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈپ كۆردى. بۇ دېگەن يەيدىغان نەرسە تۇرسا ئۇنى قالايمىقان تۇتسا قانداق بولىدۇ؟ شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىرى كاۋاپتىن بىر زىقنى ئېلىپلا پۇلمۇ بەرمەستىن يېيىشكە باشلىدى. مەن ئۇلارغا ‹كاۋاپنى قالايمىقان تۇتساڭلار بولمايدۇ› دېسەممۇ پەرۋا قىلمىدى. ئۇلارنىڭ بىرى كاۋاپنى بىر چىشلەپ قويۇپ ‹تەمى بولمايدىكەن› دېگەن مەنىدە قول پۇلاڭلاتتى ۋە تاشلاپ قويۇپ ماڭماقچى بولدى. بۇ ناھايىتى ئەدەپسىزلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇ چىشلەپ قويغان نەرسىنى كىم يەيدۇ؟ خىتايلارنىڭ بۇنداق ئىشلىرى بەك كۆپ.»

خونشۇ ئارىلىغا جايلاشقان فۇجى تېغى ياپونىيەدىكى داڭلىق ساياھەت ئورنى. مەزكۇر ساياھەت ئورنىدا كۆزگە چېلىقارلىق جايلاردا ئىنگلىزچە ، ياپونچە ۋە خىتايچە يېزىقلاردا ئالاقىدار مەزمۇنلار يېزىلغان ئەسكەرتىش تاختىلىرى بولسىمۇ، خىتاي ساياھەتچىلىرى بۇلارغا زادىلا پەرۋا قىلمىغان. بۇ جايلاردىكى خىتايلارنىڭ ئەخلاقسىزلىقلىرىنى ياپونىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
«خىتاي ساياھەتچىلەر بۇ يەردىكى دەرەخلەرگە يامىشىپ چىقىپ سۈرەتكە چۈشىدۇ. ئەمما ئاۋۇ يەردە دەرەخكە يامىشىشقا بولمايدۇ دەپ ئېنىق يېزىلغان. ‹تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدۇ› دېگەن تاختىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تاماكا چېكىۋاتقان ئاۋۇ خىتاي ساياھەتچىمۇ تاماكىسىنى چېكىپ بولۇپ ئورمانلىققا تاشلىۋەتتى. بىز ئۇنىڭدىن ‹سىز باياتىن ئورمانلىققا تاماكا قالدۇقىنى تاشلىدىڭىزمۇ؟› دەپ سورىساق ئۇ ‹مەن پەقەت بىر تال تاشلىدىم› دېدى. ‹تاماكا قالدۇقىنى ئورمانلىققا تاشلىسا ئوت كېتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟› دەپ سورىساق ‹مەن تاماكا قالدۇقىنى ئوتى ئۆچكەندىن كېيىن تاشلىدىم› دەپ جاۋاب بەردى.»

ياپونىيە ئاخباراتىدا ئېيتىلىشىچە، يەرلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىدىن بەكرەك غەزىپىنى قوزغىغىنى، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ فۇجى تېغىدىكى ساياھەت رايونىدا رىشاتكىلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، يانار تاغنىڭ لاۋا قاتمىلىرىنى خاتىرە بۇيۇم سۈپىتىدە ئوغرىلاپ مېڭىشى بولغان. رېشاتكىنىڭ يېنىدىكى چوڭ ئەسكەرتمە تاختايغا خىتاي يېزىقىدا يېزىلغان «فۇجى تېغىنىڭ ھېچقانداق تاشلىرىنى ئېلىپ كېتىشكە بولمايدۇ» دېگەن چوڭ خەتلەرنىڭ خىتاي ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ھېچقانداق رولى بولمىغان. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇش ۋە خىزمەت سەۋەبى بىلەن ياپونىيەدە ئۇزۇن مەزگىل ياشىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلھام مەھمۇتنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا خىتايلارنىڭ كۆپ ساندا ياپونىيەگە ساياھەتكە بېرىشى، ساياھەتتىن كۆرە بەكرەك سودا خاراكتېرىنى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا توكيو قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى بىر قىسىم مەشھۇر رېستورانلاردا خىتايلارنى قارشى ئالمايدىغان ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى بايان قىلدى.

پروگراممىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.