ھەتتا بەزى ماقالىلەردە ئۇنى «خىتاينىڭ شىنجاڭ زېمىنىنى قوغداشتا نەن گىنياۋ، زو زۇڭتاڭدىن كېيىنكى ئۈچىنچى كۆزگە كۆرۈنگەن مىللىي قەھرىمان» دەپ ماختايدۇ. بەزى تور ھەۋسكارلىرى مەخسۇس جاۋ خەنچى نامىغا تور بەتلەرنى ئېچىپ، ئۇنىڭ نامىغا ئابىدە تىكلەيدۇ. ئۇنداقتا خىتايلار تەرىپىدىن«قەھرىمان» غا ئايلانغان بۇ جاۋ فامىلىك خىتاي كىم؟

1945-يىلى سېنتەبىردە شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىسىملىرى باي ناھىيىسىنى ئازاد قىلىپ، ئاقسۇغا قىستاپ كېلىدۇ. ئەسلىدە ئاقسۇدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوت يۈرەك ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك ياشلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نامىدىكى بىر تەشكىلات بار ئىدى. ئۇلار ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغان شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىگە ئىچكى قىسىمدىن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ، قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، يەنە بىر قىسمى تاپانچا بىلەن قالايمىقان ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
تالانتلىق ياش شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ باش قوماندانى جاۋ خەنچىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ تاشلىنىدۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ جاۋ خەنچى تەرىپىدىن تاپانچا بىلەن ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى ئالماتادىكى «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «تارىخنىڭ ئۆچمەس ئىزلىر» ناملىق ئەسلىمىنىڭ ئاپتورى ئابدۇكېرىم سابىتوفمۇ ئۆزىنىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپ قانداق ئۆلتۈرۈلدى؟» دېگەن ماقالىسىدە دەلىللەيدۇ. جاۋ خەنچى ئوت يۈرەك شائىر، ياش ئىنقىلابچى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ تاشلىغاندىن سىرت، ئاقسۇغا قارشىلىق 9 ناھىيە تەۋەسىدىن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى «شەرقى تۈركىستانچىلارغا يان باسقان گۇمانلىق ئۇنسۇرلار» دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرگۈزىۋىتىدۇ. شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى ئاقسۇنى تاشلاپ غۇلجىغا چېكىنگەندە جاۋ خەنچى قول ئاستىدىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى توپلاپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئاقسۇ كوناشەھەر ۋە باي تەۋەسىدە بىگۇناھ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ، چېكىنگەن مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. 1949-يىلى 10-ئايدا خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەندە كوممۇنىست ئارمىيىسىگە تەسلىم بولىدۇ. 1951-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغاندا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ 1952-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى گومىنداڭ خىتايلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان «ئىنقىلابى قۇربانلار» دەپ قارىلىپ، ئەنگە ئېلىنىدۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1956-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ رەئىسى ماۋ زېدۇڭ قول قويغان «ئىنقىلابى قۇربان» دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ.
ئەينى چاغدا خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن جاللات ھېسابلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جاۋ خەنچى ئەمدىلىكتە نېمە ئۈچۈن «خىتايلارنىڭ مىللىي قەھرىمانى»، «خىتاينىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان باتۇر» غا ئايلىنىپ قالدى؟ بىز بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلانى زىيارەت قىلدۇق.
خىتاي تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلار تەرىپىدىن قەھرىمان قارىلىۋاتقانلار يالغۇز جاۋ خەنچىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە ئىككى قولى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قان ئىچەر جاللاتلار دەپ قارىلىۋاتقان زو زۇڭتاڭ، شىڭ شىسەي، جىن شۇرېن، ياڭ زىڭشىڭ قاتارلىقلارمۇ بار.