دائىرىلەرنىڭ ھەر خىل ناملاردىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىشى دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەردە نورۇز بايرىمى، چېچەك بايرىمى نامىدىكى ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتكەن. رادىئومىز يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەخسۇس مەبلەغ ۋە ئادەم ئاجرىتىپ، نورۇز، چېچەك بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان، ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەكلىرىدىن ئارتىسلارنى تەكلىپ قىلىپ يېزا، مەھەللىلەردە سەييارە ئويۇن قويغان. ھەتتا مەسچىتلەردە نورۇز ئېشى ئېتىلىپ، شۇ يېزا مەھەللىلەردىكى جامائەت قاتناشتۇرۇلۇپ، مەسچىت ئىماملىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلەش، تىنچ-ئاسايىشلىق زاماننى قەدىرلەش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشەببۇسلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى، شىنجاڭ خەلق رادىئوسى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى قاتارلىقلارنىڭ 28-مارتتىكى خەۋىرىدە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشەببۇسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى، بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 2016-يىللىق چېچەك بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەرلەر بېرىلدى.

27-مارت كۈنى غۇلجا ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «چېچەك بايرىمى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەر ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ تارقالدى. 28-مارت ئۈندىدار تورىغا غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسى يۇقىرى تۇرپانيۈزى كەنتىدىكى ئۆرۈكلۈك باغدا ئۆتكۈزۈلگەن چېچەك بايرىمى ھەققىدىكى سىنئالغۇ فىلىمى يوللانغان. فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەردىكى سەھنىنىڭ ئۈستىگە تارتىلغان قىزىل رەڭلىك لوزۇنكىغا «ئىلى مەشرىپى مىللەتلەر سەنئەت كۆرىكى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان. سىنئالغۇ فىلىمىدا يەنە غۇلجا ناھىيىسىدىكى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر، تۇڭگان، مانجۇ قاتارلىق كۆپ مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن ئارتىسلىرى ئورۇنلىغان سەنئەت نومۇرلىرى بېرىلگەن.

دائىرىلەرنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىللىق نورۇز ۋە چېچەك بايرىمىنى بۇ قەدەر كەڭ تەشۋىق قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

غۇلجا ناھىيىسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى 27-مارت كۈنى تۇرپانيۈزى باغلىرىدا باشلانغان 2016-يىللىق چېچەك بايرىمى نامىدىكى باغ سەيلىسىنىڭ يىللاردىكىدىن ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېزىلىق ھۆكۈمەت مەزكۇر پائالىيەتكە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئېتىزدىكى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولغىنى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر دېھقان، ئەسلىدىلا ئىلى خەلقى ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان نورۇز، چېچەك بايرىمى، ئۆرۈك سەيلىسى، باراۋەت مەشرىپى قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە پۇل ئاجرىتىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيىسىدىمۇ چېچەك بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، تېلېۋىزورلاردا بۇ يىللىق چېچەك بايرىمىنىڭ 15 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلىۋاتقانلىقىنى ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنى چېچەك بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان باغلارغا، يايلاقلارغا ۋاقىتلىق ئاشخانىلارنى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا تەشكىللەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

غۇلجا ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان يەنە، بۇلتۇردىن بۇيان غۇلجا ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى ياكى شەنبە كۈنى سەنئەتچىلەرنىڭ تەشكىللىنىپ، ئاممىغا سەييارە ئويۇن قويىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىللىق نورۇز پائالىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بۇ دېھقان يەنە، بۇ يىل يېزىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەتتا يېزىدىكى مەسچىتتىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ پۇل ئاجرىتىشى بىلەن «نورۇز ئېشى» ئېتىلگەنلىكىنى، مەسچىتتىكى نورۇز ئېشىدىن كېيىن، ئىمامنىڭ جامائەتكە، ياشلارغا ۋە مەكتەپ بالىلىرىغا ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، ئۆم-ئىناق جەمئىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ئاتا، ئانىلار ۋە مەسچىت جامائىتىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ۋەز ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە يەنە، بۇ خىل مەدەنىيەت، سەنئەت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت ھەققىدىمۇ ئىزاھات بېرىلگەن. شىنجاڭ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە «رايوننىڭ باھار پەسلىدىكى چېچەك مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت ئاممىسى قاتناشتۇرۇلغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق، مىللەتلەر ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مەدەنىي پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بۇ خىل پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېگەن بايانلارمۇ بېرىلگەن.

بىز غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرگە تېلېفون قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىلقى نورۇز ۋە چېچەك بايرىمى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان نورۇز، چېچەك سەيلىسى، مەشرەپ قاتارلىق بۇ خىل مەدەنىيەت-سەنئەت تۈسىنى ئالغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايراملىرىنى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشتىكى ۋاسىتە قىلىپ پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلى رايونىدا ئۆسۈپ-يېتىلگەن ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى يەنە، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ۋە دۇنيا قارىشى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئىلىلىقلارنىڭ چېچەك سەيلىسى، باغ سەيلىسى، باراۋەت مەشرىپى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىكى ۋاسىتە قىلىپ قوللىنىشىنىڭ ئىلى رايونىدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆتكەن ئايدا غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئويمان بايتوقاي يېزىسىدا يۈز بەرگەن يېزا كادىرىنىڭ نامىزىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىق سەۋەبىدىن 41 ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىنى نەقىل ئالدى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى يەنە، دائىرىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللاردا دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، كومپارتىيىنى مەدھىيىلەش قاتارلىق شوئارلار ئاستىدا ئاشكارا ئېلىپ بارغان قىزىل ناخشا ئېيتىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئورنىغا بۇ يىل تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش»، «ھەرقايسى مىللەتلەرگە نورۇز، باغ چېچەك سەيلىسى قاتارلىق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايراملىرىنى تونۇشتۇرۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، دىننى سۇسلاشتۇرۇش» مەقسىتىگە يېتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئېنىق تونۇغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ خىل سىياسىي مەقسەتكە يېتىش مۇددىئاسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.