سابىق ئارخىپ خادىمى: گومىنداڭچىلار ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ كۆزىنى ئويۇپ تاشلىغان

0:00 / 0:00

ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باشقۇرۇشىدىكى ئارخىپ بۆلۈمىدە ئىشلىگەن سابىق ئارخىپ خادىمى گۈلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەخپىي ھۆججەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا گومىنداڭ ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قىيناپ، بەزىلىرىنىڭ كۆزىنى ئويۇپ تاشلىغانلىقىغا ئائىت فوتو سۈرەتلەرنى كۆرگەن.

ئۇ يەنە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ گومىنداڭ ئەسىرلىرىگە ئىنسانىي مۇئامىلەم قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىنىمۇ ئۇچراتقان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تاجاۋۇزچى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەھشىيلىكى، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئادىللىقىغا تىپىك مىسال بولالايدىغان بۇ ئىككى خىل ھۆججەت ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئارخىپ قانۇنىدا 50 يىلدىن ئاشقان ئارخىپلارنى ئاممىغا ئاشكارىلاش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە دائىر ماتېرىياللارنى ھازىرغىچە قاتتىق مەخپىي تۇتۇپ كەلگەن.