خىتايدىكى تۇرلۇك ئىجتىماىي مەسىلىلەر توغرىسىدا خىتاي ۋە چەتئەل قەلەمكەشلىرى تەرىپىدىن كۆپلىگەن يازمىلار ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭ قاتارىدا يەنە خىتايدىكى ئىجتىماى مەسىلىلەر قاتارىدا يالغانچىلىقتىن مەسىلىنىڭ ئومۇملاشقان بىر ھادىسە ئىكەنلىكى خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىن تەنقىت قىلىنماقتا ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
ئەينەك خەۋەرلەر تورىنىڭ 13 - ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «يالغانچىلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ» ناملىق ماقالىسىدە، خىتايدا يالغانچىلىقنىڭ ئومۇملاشقان بىر ھادىسىلىقىنى تۈرلۈك پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلايدۇ. ماقالە، خىتايدىكى يالغانچىلىقنىڭ يىلتىزىنى تارىخى مەنبەلەردىن ئىزدەش بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىنى دادىل بايان قىلىدۇ، شەكىللەنگەن يالغانچىلىق ئىللىتىگە ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ماقالە «يالغانچىلىققا تايىنىپ ھايات كۆچۈرىدىغان بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. يالغانچىلىق ئاللىبۇرۇن بىر خىل تۇرمۇش شەكلىگە، كەم بولسا بولمايدىغان تەبىئىي تۇيغۇ ۋە ماھارەتكە، ھەتتا بىر خىل پىرىنسىپقا ئايلىنىپ بولدى، ئەكسى تەقدىردە بولسا، سىز ياشاشقا ئامالسىز» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن باشلانغان.
ماقالىدە «ھاراق سورۇنلىرىدىكى چاخچاق پاراڭلارمۇ ئېغىر سىياسىي مەسىلە قىلىپ بېكىتىلدى، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن راست گەپ، پادىشاھنىڭ كىيىمى يوق، دېگەنلىك بولۇپ قالدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تاماشا قىلىدىغىنى پادىشاھنىڭ يالىڭاچلىقى ئەمەس، بەلكى بىرلىرىنىڭ ئېغىزىنى يىغماي راست سۆزلەپ سېلىشىدۇر» دېگەن بايانلار بېرىلىپ، خىتايدا راستچىللىقنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتى كۆرسىتىلىدۇ.
ماقالىدە يەنە، خىتايدا يالغانچىلىقنىڭ تارىخى مەنبەسى ئاختۇرۇلۇپ، چىن شىخۇاڭنىڭ خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن باشقا ھەممە نەرسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى، ھەممىنى ئوخشاش رېلىسقا سېلىپ، ئوخشاش ئۆلچەمگە باغلاپ، ئوخشىمايدىغانلىرىنى كۆزدىن يوقاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ شۇنداقلا ئىدىيىنى، مەدەنىيەت پەرقىنى، ئۆرپى - ئادەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قولىدىن كەلمىگەندىن كېيىن، بۇ پەرقنىڭ ئىگىسى بولغان ئادەملەرنى تىرىك كۆمۈش، كۆيدۈرۈپ يوقىتىشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئوخشىمايدىغان نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بەرگەنلىكىنى، نەتىجىدە خىتاي مىللىتىنىڭ ئىدىيىۋى ئاغۋاتلارغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئاپتور بۇ زاماننى خىتايدا يالغانچىلىق دەۋرىنىڭ باشلىنىشى دەپ ئاتايدۇ. شۇندىن ئىتىبارەن خىتاي مىللىتىنىڭ كاللىسىدا مۇستەقىل تەپەككۈرگە ئورۇن قالمىغانلىقى، باشقىچە ئويلاشقا جۇرئەت قالمىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، پادىشاھ نېمە دېسە ئۇنىڭ توغرا بولىدىغان، پادىشاھدىن پۇقراغىچە بىر - بىرىنى ئالدايدىغان، ئاغزىدىن ياشىسۇن، قەھرىمان، ئۇلۇغ، توغرا... دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئايرىمايدىغان خىتاي مىللىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ.
«يالغانچىلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ» ناملىق بۇ ماقالىدە يەنە، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» دەۋرىدە خىتايدىكى ئالىم، زىيالىي، مۇتەخەسسىس، ئەمەلدارلاردىن تۆۋەندىكى دېھقان، پۇقرالارغىچە كۆزلىرىنى پاقىرىتىپ تۇرۇپ «بىر مو يەردىن مانچە مىڭ كىلو ئاشلىق ئالىمىز» دەپ يالغان سۆزلەشكەنلىرىنى، بىرمو يەردىن زادى قانچىلىك ئاشلىق ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە ھەممىسىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئادەملەر قانداق بىر يالغانغا ئېھتىياجلىق بولسا، دەرھال شۇنداق يالغاننى توقۇپ چىقالايدىغانلىقىنى، يالغاننى توقۇشتا خىتاي مىللىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، نەتىجە ئىتىبارى بىلەن، بۇ زاماندا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى يازىدۇ. ئاپتور مۇنداق دەيدۇ «ئاچلىقتىن قانچە ئون مىليون ئادەم ئۆلدى. بۇ قانچە ئون مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈمى يالغانچىلىققا خاتىمە بىرەلمىدى. يالغانچىلىق يەنە داۋاملاشماقتا.»
شۇ ۋەقەدىن كېيىنلا يەنە بىر يالغان ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، يەنى بۇ ئاچارچىلىق پەيدا قىلغان پاجىئەنى «تەبىئىي ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېگەن يالغان توقۇپ چىقىلىپ، جاۋابكارلىق تەبىئىي ئاپەتكە ئارتىپ قويۇلىدۇ. بۇمۇ، نۇرغۇن ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ قوزغاتقۇچىسى بىر چەتتە قايرىلىپ قېلىپ، جاۋابكارلىق بىر ئايالنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇلغانغا ئوخشايدۇ.
ماقالە خىتاي جەمئىيىتىنىڭ بۈگۈنىدىكى يالغانچىلىق ھەققىدە توختالغاندا، ھازىرقى زامان يالغانچىلىقىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ بىر دەرىجە يۈكسەلگەنلىكىنى، يالغانچىلىققىمۇ بىلىم لازىم بولىدىغانلىقىنى، گېزىتلارنىڭ يالغانچىلىققا تولغانلىقىنى، سەھنىلەرنى يالغان قاپلىغانلىقىنى، تارىخ دەرسلىك كىتابلىرىنىڭمۇ يالغانغا تويۇنغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ راستنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن يالغاننى سۆزلە - سۆزلە ئۆزلىرىمۇ ھاياجانلىنىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ھەتتا بۇ يالغاننىڭ راستلىقىغا ئىشىنىدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ يالغانغا كىشىلەرنىڭ قىزغىن چاۋاك چالىدىغانلىقى، تەسىرلىنىپ كۆز ياشلىرىنى تۆكىدىغانلىقى، بىرەر ئېغىز راست ئارىلىشىپ قالغاننى ئاڭلىسا خاتىرجەملىكى بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. يەنە يالغان سۆزلىمىسە ئەمەلدار بولغىلى، پروفېسسور بولغىلى، مۇتەخەسسىس بولغىلى، تىجارەت قىلغىلى، بېيىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، كىم بەكرەك يالغان سۆزلىيەلىسە، شۇنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسىدىغانلىقىنى شەرھىلەيدۇ.
ماقالە مۇنداق ئىبارىلەر بىلەن ئاخىرىلىشىدۇ: «بىز يالغانچىلىق ئىچىدە ئارامخۇدا، كۆرەڭلىگەن، تىنچلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا ياشاۋاتىمىز. كىمكى ياخشى - ياماننى ئايرىماي راست سۆزلەپ قالسا، شۇ پادىشاھنىڭ كېيىمى يوق، دېگەن بولىدۇ. ئەنە شۇ، خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، دۆلەتكە ئاسىتلىق قىلغۇچى، مىللىي مۇناپىق، ۋەتەن ساتقۇچتۇر..»
0:00 / 0:00