خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپ» ئىسلاھاتىدا نۆۋەتتە، ئۇيغۇر بالىلىرىغا يالغۇز ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسىلا ئۇيغۇرچە ئۆتۈلگەندىن باشقا، بارلىق دەرسلەر خىتايچە ئۆتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەپتىدە بىر قانچە سائەتلا ئۆتىلىدىغان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكىدىن ئۇيغۇر كلاسسىك نەمۇنىلىرى چىقىرىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كلاسسىك نەمۇنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى كىرگۈزۈلگەن ئىدى. دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا كلاسسىك خىتاي شېئىرلىرىنى يادلىتىش، خىتايچە خۇشخەت يېزىشنى ئۆگىتىشتەك كۆپ خىل شەكىللەردە خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى سىستېمىلىق سىڭدۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆز ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، تىل ۋە تارىخى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسەتلىرى بارغانچە تارايتىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە ئۇلارغا خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىمۇ مەكتەپ مائارىپى ئارقىلىق سىڭدۈرۈۋاتقانلىقى، ئاتا-ئانا ۋە زىيالىيلاردا ئەندىشە قوزغىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى كۈچ ۋە مەبلەغ بىلەن كۈچەيتىپ كەلدى. 2020-يىلغا بارغىچە مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى 3 يىللىق قوش تىللىق يەسلىگە كىرىش نىسبىتىنى 85% كە ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان پىلانى. يەسلى يېشىدىكى گۆدەكلەرگە پۈتۈنلەي خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان مائارىپنى يولغا قويۇش بىلەن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ دەسلەپكى تىل ۋە ئاڭ تەربىيىسىنىڭمۇ خىتايلار تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغانلىقى ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان ئاچچىق بىر رېئاللىق. قوش تىل مائارىپى سىياسىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىتى ئىكەنلىكى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ سىياسەتنىڭ بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقانلىقى ئەندىشە قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە مەكتەپلەردىكى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىگە يانداش ھالدا خىتايلاشتۇرۇش يەنى خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش تەربىيىسىنىمۇ سىستېمىلىق ھالدا مەكتەپ مائارىپىغا ئېلىپ كىرگەنلىكى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېقىنقى كۈنلەردىن باشلاپ «جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» تېمىلىق مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى بىلەن يەنىمۇ روشەن ئىپادىلەندى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئەركىن تۇراخۇن ئىلگىرى « شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە «تۆت كىملىك» قارىشىنى يەنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تۆت كىملىك»، دۆلەت بىرلىكى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي سىياسىي تەدبىر قىلىش» تەربىيىسىنى، ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ئەڭ مۇھىم تەربىيە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.
يېقىنقى 2، 3 يىلدا، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ھەتتا ئائىلىلىرىدە ئەۋلادلارغا ئۆز مىللىي ۋە دىنىي كىملىك،تىل تەربىيىلىرى ئېلىپ بېرىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتقان شارائىتتا، خىتاي دائىرىلىرى مەكتەپلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر باللىرىغا «جۇڭخۇا مىللىتى» تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈش ۋە خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشنى پروگراملاشتۇرۇپ سىڭدۈرۈشكە باشلىغان. ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىگە خىتاي كلاسسىكلىرىدىن لى بەي، دۇفۇلارنىڭ قەدىمى شىېر نەزمىلىرىنى يادلىتىشمۇ خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى، ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتاي تىلى ۋە ياكى جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش باھانىسىدە خىتاي تارىخىي كلاسسىك نەزمىلىرىنى يادلىتىشنىڭ، پەقەتلا شېئىر يادلاشلا ئەمەس، بەلكى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ تىلىنى، دىلىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۆز تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، خىتايدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، ئاخىرىدا بولسا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان رەزىل تەدبىر ئىكەنلىكى تەنقىد قىلدى ۋە يەنە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەكتەپلەرگە رەسمىي يوسۇندا مائارىپ ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلار پەرەز قىلغاندىنمۇ تېز ۋە يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويغان «قوش تىل مائارىپى» نامىدا خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قىسقارتىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلەرنى ئازايتىشى، ھەتتا خىتاي كلاسسىكلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى دەرسىگە كىرگۈزۈشى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە. تۇيغۇنجان ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان بۇنىڭغا قارشىلىق قىلغان، نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ياكى ماسلاشمىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىمۇ تازىلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە پائالىيەتچىلەر، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە خىرىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا چەتئەللەردىمۇ ئوخشىمىغان مۇھاكىمە ۋە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا ۋە يىغىنلاردا ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىغا مۇناسىپ تەدبىر ئېلىش زۆرۈرلۈكىنى، بارلىق تەشكىلات ۋە ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قاتارىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.
مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 2-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى 6-ماي (شەنبە) كۈنى ئېچىلىدىغان بۇ قېتىملىق يىغىندا، موللا مۇسا سايرامى ۋاپاتىنىڭ 100-يىلى، ھۈسەيىنخان تەجەللى ۋاپاتىنىڭ 90-يىلى، قۇتلۇق شەۋقى ۋاپاتىنىڭ 80-يىلى ۋە ئابدۇقادىر داموللا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 155-يىللىقى ئىلمىي دوكلاتلار بىلەن خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ دەل مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئۆز تىلىدىن، تارىخىدىن، مىللىي تۇيغۇلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشتا جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ، ۋەتەن ئىچى-تېشىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ تارىخىنى ۋە تارىخىي شەخسىيەتلىرىنى چۈشىنىش ئارقىلىق مەنىۋى ھاياتىمىزنى بېيىتىپ، ئەۋلادلاردا مىللىي روھنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە خىتاينىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا بۇلارنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلىرى ۋە كلاسسىكلىرى، مۇتەپەككۇرلىرىنى دەرسلىكلەردىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇيغۇر ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالماقتا ۋە تامامەن خىتاي ئىدىيىسىنى ئۇيغۇرلارغا تاڭماقتا دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.