ئالماتادا يازغۇچى خەمىت ھەمرايېفنىڭ خوجىلار ھەققىدە تارىخىي رومانى يورۇق كۆردى

0:00 / 0:00

قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىچىدە تونۇلغان زىيالىيلارنىڭ بىرى، ئەدەبىياتشۇناس ھەم سىياسەتچى خەمىت ھەمرايېفنىڭ «خوجىلار ۋەزىپىسى» ناملىق رومانىنىڭ يورۇققا چىقىشى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «شادى خوجا» دەپ ئاتالغان مەزكۇر كىتابنىڭ كىرىش قىسمىدا ئېيتىلىشىچە، ئاپتور ياركەنت خانلىقىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى يورۇتۇشتا «تارىخى رەشىدى»، «تارىخى كاشىغەر»، «تەزكىرەئى خوجىگان» ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئاساسىي دىققەتنى بولۇپمۇ ياركەنت خانلىرىغا قاتتىق تەسىرىنى يەتكۈزگەن خوجىلارنىڭ، يەنى سوپىلارنىڭ «ئاق تاغلىق» ۋە «قارا تاغلىق» ماجىرالىرىنى يورۇتۇشقا بېغىشلىغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەدەبىياتشۇناس ئالىم رابىك ئىسمايىلوفنىڭ تەكىتلىشىچە، سىياسەتشۇناس سۈپىتىدىمۇ تونۇلغان خەمىت ھەمرايېف كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدىمۇ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يورۇق كۆرگەن «غۇلجا يولى» تارىخىي رومانى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى ئاتۇ پاجىئەسىگە بېغىشلانغان.

ر. ئىسمايىلوف مەزكۇر رومان ۋەقەسىنىڭ يەنە داۋامى بولۇشىغا قارىماي، يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۆتكەن يەنە بىر مۇرەككەپ دەۋر - خوجىلار ۋەقەسىگە مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مىللىتىمىز باشقا تۈركىي خەلقلەر كەبى ئۆز ۋاقتى كەلگەندە ئۆز دۆلىتىگە ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە دەسلەپ پالتا چاپقان ۋەقەلەر، ئاق تاغلىقلار ۋە قارا تاغلىقلار دەپ ئاتالغان خوجىلارنىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزگە ئېلىپ كەلگەن سوپىلىق دىنىي تەلىماتى نەتىجىسىدە مىللىتىمىزنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ، مەناسىز قانلىق كۈرەش ئىچىدە قالغانلىقى توغرىلىق يازىدۇ. خوجىلارنىڭ پائالىيىتى ئاددىي خەلق ئارىسىدىلا كەڭ تارالماي، ئۆز تەسىرى دائىرىسىگە ھۆكۈمران سىنىپ ۋەكىللىرىنىمۇ ئالىدۇ. رومان مۇئەللىپى بۇنى ئۇيغۇر ياركەنت خانلىقى ھەم ئۇنى باشقۇرغان خانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن شەپقەتسىز كۈرەشلىرى مىسالىدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ر. ئىسمايىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، ياركەنت خانلىقىنىڭ بولۇپمۇ مۇھەممەدخان ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى شاھ ئەھمەدخان، تۆمۈر سۇلتان، ئابدۇللا لەتىفخان، سۇلتان ئەھمەدخان ۋە سۇلتان مەھمۇدخان ئوخشاش پادىشاھلىرى خەلقنى ئىككىگە بۆلۈپ، قانلىق ۋەقەلەرنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ئالىم بەزى ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ ئۆز تەختلىرىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ھەتتا قالماقلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، خەلقىنى ساتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن جۇدا بولغانلىقىنى ئەپسۇسلىنىش بىلەن تىلغا ئېلىپ، سۆزىنى مۇنداق دەپ داۋام قىلدى: «ئاتا - بوۋىلىرىمىز دۆلىتىنى تاشقى دۈشمەنلەر ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ئىچكى توقۇنۇشلار، قانلىق كۈرەشلەر ئاجىزلاشتۇردى. شۇ سەۋەبتىن تاشقى دۈشمەنلەر ئېلىمىزنى ئوڭايلىق بىلەن بېسىۋالدى. روماندىكى ۋەقەلەر 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 17 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا يۈز بەرسىمۇ، بىز شۇ دەۋرگە چۆكىمىز، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىملەر بولغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. ئەسەر قىزىقىپ ئوقۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرىدا سەھنىدە ئاپئاق خوجا پەيدا بولىدۇ. دېمەك، نۆۋەتتىكى ئەسەر شۇنىڭ توغرىلىق بولماق.»

شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، تارىخچى دوكتور زۇلپىيە كەرىموۋانىڭ پىكرىچە، ياركەنت خانلىقى دەۋرى ئومۇمەن ئۇيغۇرلار تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپلىگەن ئەمگەكلىرى، ئېلان قىلىنىپ كەلگەن. ئۇ بىۋاسىتە قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن ياركەنت خانلىقى تارىخىغا، شۇ جۈملىدىن خوجىلار دەۋرىگە مۇراجىئەت قىلغانلارنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان دانىيال خوجىنىڭ ھاياتى ھەققىدە يېزىلغان بىردىن - بىر ئەسەر رېتىدە يۈسۈپ ئىلياسنىڭ "ئېغىر تىنىقلار" ئەمگىكىنى ئېيتقان بولار ئىدىم. بۇ ئەمگەكنىڭمۇ يۇقىرى دەرىجىدە يېزىلغانلىقىغا كۆز يەتكۈزدۈم. بۇ يىلى خ. ھەمرايېفنىڭ چىقارغان ئەمگىكى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ دېسەم خاتالاشقان بولمايمەن. مەن ئۇنى ي. ئىلياسنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرغۇچى دەپ ئېيتالايمەن.»

ز. كەرىموۋا خ. ھەمرايېفنىڭ كېيىنكى كىتابلىرىدا خوجىلارنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا مۇناسىپ باھا بېرىلىپ، ياركەنت خانلىقىنىڭ تارىخىدىكى بۇ ئۇنتۇلماس يىللارنىڭ تېخىمۇ تەسىرلىك تەسۋىرلىنىپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، يازغۇچى خ. ھەمرايېف ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىدا ئاساسەن ياركەنت خانلىقىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى، ياركەنت ۋە تۇرپان ئوتتۇرىسىدىكى تەخت ئۈچۈن تالاشلار ھەققىدە توختالغان.