پاكىستاندىكى-خوتەن رابات(ساراي)، تارىختىكى ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزناسى

0:00 / 0:00

يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىختا ئۆتكەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىغا، خەلقىگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى، مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى، ئۆز ۋەتىنىگە بولغان ئۈزۈلمەس رىشتىسىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن، بىر ئۆمۈر تىرىشىپ-تىرمىشىپ تاپقان ماددىي بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋەتەن-مىللەت يولىدا ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاجرىتىپ، ھىجرەتتىكى ھايات مۇساپىسىدە ئۆز سېخىيلىقىنىڭ ئۆلمەس ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

پاكىستاندىكى ئاۋات شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان راۋالپىندى شەھىرىدىكى خوتەن رابات، مانا شۇ تارىختا ئۆتكەن ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزنالىرىنىڭ بىرىدۇر.

پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى خوتەن رابات سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىئانەسى بىلەن بەرپا قىلىنغان مېھمان-سارايلاردىن بىرى بولۇپ،مەزكۇر ساراينىڭ سېتىپ ئېلىنىشى ھەققىدە توختالغان پاكىستاندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇم مۇنداق دېدى.

ئۇ، سۆزىدە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئاقساقاللىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە ساھىب چىقىشى بىلەن خوتەن راباتنىڭ سېتىپ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇقېيۇم سۆھبىتىمىز جەريانىدا خوتەن راباتنىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنىڭ تولىمۇ يۇقىرىلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ئاخىرىدا يەنە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە خوتەن راباتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ ئۆتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان،ئەينى يىللاردا پاكىستاندىكى ئىسلاماباد خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم تەھسىل قىلغان. ھازىر ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە ياشاۋاتقان،جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئىسلام دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن دىنىي ئالىم ئابدۇسالام خوتەن راباتنىڭ شۇ يىللاردا پاكىستاندىكى ھەر قايسى مەددرىسىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى ئىككىنچى بىر ئائىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۆلىما ئابدۇسالام پاكىستاندىكى بەزى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن خوتەن راباتنىڭ تاقالغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ بىئارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پاكىستاندىكى بەزى بىر خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2000-يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئالاھىدە تاپشۇرۇقى بىلەن راۋالپىندى شەھىرىدىكى خوتەن ۋە قەشقەر راباتلىرىنى مەجبۇرى تاقىۋەتكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.