يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىي تراگېدىيەلىرىنىڭ بەدىئىي كارتىنىسى: «ياچىبەگ» ۋە «ئابدۇراخمان خان پاشا» داستانى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەم تارىخىي چىنلىققا ھەم بەدىئىي تۈسكە ئىگە ئاغزاكى سەنئىتىدۇر.

18-ئەسىردە قۇمۇل خەلقى ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن «ياچىبەگ» داستانى بىلەن 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا خوتەن خەلقى ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن «ئابدۇراخمان خان پاشا» داستانى ئۇيغۇر خەلق ئاغزاكى سەنئىتىدىكى ئەڭ نادىر ئەسەرلەردۇر.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاغزاكىي تارىخچىلىق ياكى مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپلۇقنىڭ تارىخىي ۋە بەدىئىي شەكىلدىكى كوللېكتىپ ئەسلىمىسى دۇنيا تارىخشۇناسلىقىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانماقتا. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن بىر يۈرۈش تارىخىي داستانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ مەزگىللەردىكى تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي كەچۈرمىشلىرىنى بىلىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھېس قىلىنماقتا.

ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ئۇيغۇر تارىخىي داستانلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلىشىدە «مەدداھ-ۋائىز» لاردىن ئىبارەت جانلىق تارىخچىلارنىڭ ياكى خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شىۋېتسىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ «ياچىبەگ» داستانىنىڭ 18-ئەسىردە قۇمۇل خەلقى ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن رېئال تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە خەلق داستانى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ياۋروپادا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن پەزىلەت خانىممۇ «ياچىبەگ» داستانى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ تارىخىي شەخس ياچىبەگنىڭ 18-ئەسىردە جۇڭغار قالماقلىرىغا قارشى ئۇرۇشلاردا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئىچىدىن چىققان مۇناپىقلارنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن قۇربان بولۇشىنى «ھەقىقىي تارىخىي تراگېدىيە» دەيدۇ. پەزىلەت خانىمنىڭ قارىشىچە، «ياچىبەگ» داستانى تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي گۈزەللىك ئورگانىك ھالدا بىرلەشكەن خەلق داستانى بولۇپ، ھايات داستانچىلارنىڭ نەق مەيداندا داستان ئېيتىش ماھارىتى ئۇنىڭ ئېستېتىك قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان مۇھىم ئامىل ئىكەن.

19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا خوتەن خەلقى ئارىسىدا مەيدانغا «ئابدۇراخمان خان پاشا» داستانىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر خوتەن رايونىدىكى داستانچىلارنىڭ ئېغىزىدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى بىلەن پەزىلەت خانىم «ئابدۇراخمان خان پاشا» داستانىنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانچىلىق ساھەسىدىكى يەنە بىر نادىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ.

ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانلىرىدىكى كىشى قەلبىنى لەختە-لەختە قىلىدىغان «تراگېدىيە گۈزەللىكى» نوقۇل ھالدا داستان قەھرىمانلىرىنىڭ ياۋغا قارشى كۈرەشلەردىكى قورقۇمسىز جاسارىتىدە ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ پاجىئەلىك يېرى، ئاشۇ زەبەردەس قەھرىمانلارنىڭ مىللىي ساتقۇنلارنىڭ خىيانىتى بىلەن ئەرزىمەس ھالدا ئۆلۈپ كېتىشىدە ئىپادىلىنىدىكەن.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.