ياڭ زېڭشىننىڭ تۇڭگانلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش تاكتىكىسى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مۇرەككەپ ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق سىياسىي مۇناسىۋەتلەر ھېلىھەم تارىخشۇناسلىقتىكى بىر قىيىن تېما بولۇپ تۇرماقتا.

بولۇپمۇ فېۋدال مىلىتارىست ياڭ زېڭشىن ئۇيغۇر ئېلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 17 يىل جەريانىدا تۇڭگانلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۇيغۇر دىيارىنى بىمالال ھالدا ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغانلىقى ھەممىگە مەلۇم.

ئۇنداقتا، ياڭ زېڭشىن نېمە ئۈچۈن تۇڭگانلاردىن پايدىلانغان؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇڭگانلارنىڭ قولى بىلەن ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتىكى تۈپ مۇددىئاسى نېمە ئىدى؟ ئۇنىڭ بۇ خىل سىياسىي ئويۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارنىڭ مىللىي مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق جاراھەتلەرنى قالدۇرغان؟

مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر ئەڭ دەسلەپ 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن زور سىياسىي ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. ئاشۇ تارىخىي مەزگىللەردە قومۇل ۋاڭلىقى، ئىلى سۇلتانلىقى ھەمدە ياقۇببەگ دۆلىتىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار ئارىسىدا سىياسىي مەنپەئەت جەھەتتىكى ياراشتۇرغىلى بولمايدىغان سۈركىلىشلەر ئىپادىلىنىشكە باشلىغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئۆز سۆزىدە مىلىتارىست ياڭ زېڭشىننىڭ تۇڭگانلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تىنجىتىشتىكى تاكتىكىسى ھەققىدە بىرقانچە جەھەتتىن مۇلاھىزە ئېلىپ باردى.

مافۇشىڭ (ماتىتەي) تەرىپىدىن پۇت-قولى كېسىلىپ ناكا قىلىنغان ئۇيغۇرلار (A. Forbes, Muslims and Warlords in Chinese CentralAsia, 1986.)
مافۇشىڭ (ماتىتەي) تەرىپىدىن پۇت-قولى كېسىلىپ ناكا قىلىنغان ئۇيغۇرلار (A. Forbes, Muslims and Warlords in Chinese CentralAsia, 1986.)


1912 - يىلى مىلىتارىست ياڭ زېڭشىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن شۇ يىلى قومۇلدا يۈز بەرگەن تۆمۈر خەلپە قوزغىلىڭىنى ھېچقانچە ئەسكىرىي كۈچ ئىشلەتمەي تۇرۇپلا تۇڭگان ئوفېتسېر لى شوفۇنىڭ «قۇرئان» تۇتۇپ يالغان قەسەم ئىچىشتەك رەزىل ئويۇنى ئارقىلىق ئۇستىلىق بىلەن باستۇرغان. شۇندىن باشلاپ ياڭ زېڭشىن تۇڭگانلارنىڭ قولى بىلەن ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش تاكتىكىسىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزى بىلەن يۇرتداش بولغان ما فۇشىڭ ئىسىملىك تۇڭگاننى ئىندەككە كەلتۈرۈپ مەخسۇس تۇڭگان قوشۇنى تەسىس قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى ھېسسىياتى تۈپەيلى خىتايلارغا قارىغاندا تۇڭگانلارغا يېقىن تۇرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ياڭ زېڭشىن 1914 - يىلى ما فۇشىڭغا «تىتەي» لىك ئەسكىرىي ئەمەلنى بېرىپ ئۆز قوشۇنى بىلەن قەشقەردە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن. شۇندىن باشلاپ ما فۇشىڭ «ماتىتەي» دېگەن نام بىلەن ئون يىللاپ قەشقەر خەلقىنى قان يىغلاتقان. 1924 - يىلى ياڭ زېڭشىن ما فۇشىڭنىڭ قەشقەردە يەرلىك خاقان بولۇپ ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇچتۇرپاننىڭ ئامبىلى تۇڭگان ما شاۋۋۇنىڭ قولى بىلەن ئۇنى يوقاتقان. شۇندىن كېيىن قەشقەر رايونى يەنە بىر تۇڭگان ئەمەلدار ما شاۋۋۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن.

1930 - يىللاردا ما جۇڭيىڭ، ما فۇيۋەن، ما جەنساڭ ۋە ما خۇسەن قاتارلىق تۇڭگان قوماندانلىرى ۋە ئۇلار باشچىلىق قىلغان تۇڭگان ئارمىيەسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىغا مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى سالغان. مىللىي ئىنقىلاب جەريانىدىكى ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر ۋە ئاچچىق ئاقىۋەتلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى تۇڭگان ئەسكىرىي كۈچلىرىنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان. بۇ ھال تارىختا ئۇيغۇر خەلقى بىلەن تۇڭگانلار ئارىسىدىكى مىللىي مۇناسىۋەتكە سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەم مىلىتارىست ياڭ زېڭشىن ۋە باشقا خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تۇڭگانلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.