يانۇش ھوركوۋىچ: مېنى ئۇيغۇرلارغا مەستانە قىلغان نەرسە قانداشلىق مېھرى (3)

0:00 / 0:00

«ئىككى ئارزۇيۇم بار؛ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېزرەك ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن. ئىككىنچىسى، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ۋېنگىرىيەگە كۆچۈپ كېلىپ تارىخى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ۋېنگىرىيەدىكى ئۇيغۇر مەستانىسى يانۇش ئەپەندىنىڭ كۆپ كىتاب كۆرىدىغان ئادىتىنى ئۆيلىرىنىڭ ھەممىلا ئىشكاپلىرىغا تىزىلغان كىتابلار بىلدۈرۈپ تۇراتتى. بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرى داۋالاش ئىلمىگە ئائىت كىتابلار بولسا، كۆپىنچىسى تارىخقا مۇناسىۋەتلىك كىتابلار ئىدى. ئۇ ئانا تىلى ماجارچىدىن باشقا، ئىنگلىزچە، گېرمانچە تىللارنىمۇ راۋان سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ ئەسلى كەسپى ئاياللار دوختۇرلۇقى بولۇپ، گېرمانىيەدە 10 يىل مۇشۇ كەسىپ بويىچە داۋالاش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ نام چىقارغان ئىكەن. ھازىر ۋېنگىرىيەدە بۇ خىزمەت بىلەن قوشۇمچە مەشغۇل بولىدىكەن. كۆپرەك ۋاقتىنى ئۇيغۇرلارنى ھون تۇپراقلىرىدا تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇشقا سەرپ قىلىدىكەن.

يانۇش ھوركوۋىچ بىلەن دەسلەپتە 2005-يىللىرى تونۇشقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى بولغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، ئۇيغۇر مەستانىسى بولغان بۇ ئادەمنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يالغۇز ۋېنگىرىيە تەۋەسىدىلا ئەمەس، ۋېنگىرىيەگە قوشنا ئەللەرگىمۇ كەڭ تونۇتۇشقا زور ھەسسە قوشقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى يەنە، ئايرىلىپ مىڭ يىلدىن كېيىن ھون، ساك، چاڭگو قاتارلىق قان-قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ بىر بىرىنى باغرىغا بېسىشىغا ئاساس سالغان يانۇش ھوركوۋىچنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

يانۇش ئەپەندى 12-ئاۋغۇست كۈنى ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتىكى 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى چاقىرىلىۋاتقان مەيداندا ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىز ئەسناسىدا، ئۆزىنىڭ 2 تۈرلۈك ئارزۇسى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىككى ئارزۇيۇم بار؛ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېزرەك مۇستەملىكە ھاياتقا خاتىمە بېرىپ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى، ماجارىستان-ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى تىلەيمەن. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇرىستان دۆلىتى قۇرۇلغۇچە بولغان مۇددەت ئىچىدە، خارلىق چېكىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ 2-ئانا ۋەتىنى بولغان ۋېنگىرىيەگە كۆچۈپ كېلىپ، بۇ تۇپراقتىكى تارىخى قان-قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ماجار خەلقى ئۇيغۇرلارنى باغرىغا بېسىشقا تەييار.»

بىراق، نۆۋەتتىكى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى ياراملىق بىر ھاكىمىيەت ئاپپاراتى ھېسابلانمايدىكەن. يانۇش ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپانىڭ يۈرىكىدىكى بۇ دۆلەتنى ئىقتىداردىكى ھۆكۈمەت ياخشى تەرەققىي قىلدۇرالمايلا قالماستىن، قوشنا ئەللەردىكى قېرىنداشلىرىغىمۇ ئىگە چىقالمىغان.

«سىزنىڭچە، ئۇيغۇرلار ھازىر ئالدى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسى؟» دېگەن سوئالىمىزغا يانۇش ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ياتنىڭ دۆلىتىدە، ياتنىڭ قول ئاستىدا، ياتنىڭ ئاشكارا ياكى مەخپىي غايىلىرى ئۈچۈن قۇربان بېرىشتىن ساقلىنىش لازىم. مېنىڭ خىيالىمدا ئۇيغۇرلارغا بېرىدىغان ئىككى تۈرلۈك تەكلىپ بار. بىرى، ئۆزۈڭلارنى كەمسىتىشتىن، ئۈمىدسىزلىنىشتىن قەتئىي يىراق بولۇڭلار. ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى چوڭ، زۇلۇم ئېغىر. بۇ تەرىپى ئاسانلا چۈشكۈنلۈككە سەۋەب بولىدۇ. ئەمما تارىخنى ۋە كەلگۈسىنى ئويلاش لازىم. ھاياتىدا دۆلەت قۇرۇپ باقمىغان، مەدەنىيەت يارىتىپ باقمىغان قانچە ئونلىغان مىللەتنىڭ ھازىر دۆلەتلىرى بار. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەنە بىر قىسمى يېقىنقى 20 يىل مابەينىدە مۇستەقىل بولدى. قارىسىڭىز، ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك ئىلگىرى ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، پېرىسىيە، رۇسىيە ياكى ئامېرىكىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى باشقىچە. ئۇيغۇرلار يىلتىزى چۇڭقۇر، نەسەبى يۇقىرى، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ئېڭى بولغان بىر مىللەت. تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى، ياراتقان مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئىزى ئۆچكىنى يوق. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر. تىنىمسىز كۈرەش قىلىشلىرى لازىم. ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلالمىغان ئۇيغۇرنىڭمۇ قىلالايدىغان مۇھىم ئىشلىرى بار. مەسىلەن؛ ئۆزىنىڭ تىلىنى، دىنىنى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش.»

تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1867-يىلىدىن باشلاپ كېڭەيمىچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مەركىزىدىكى نۇرغۇن زېمىنلارنى ئىشغالىيىتى ئاستىغا كىرگۈزۈۋالغان. ھونلارنىڭ ئۇ چاغدىكى زېمىنى، ھازىرقى 90 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن قانچە باراۋەر چوڭ بولغان. ئەمما 1914-يىلى باشلانغان 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋېنگىرىيەنىڭ ئەسلىدە ئۆزىگە تەۋە بولغان زېمىنلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان. 1918-يىلى ۋېنگىرىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، ھونلار زېمىنىنىڭ خېلى بىر قىسمى سېربىيە، سىلوۋاكىيە، رۇمىنىيە، خورۋاتىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان. 1939-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ1941-يىلىغا كەلگەندە، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوللىغان. بۇ سەۋەبتىن 1945-يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بېسىپ كىرىپ، تاكى 1989-يىلىغىچە ماجارلارنى قىزىل رېجىم ئاستىدا باشقۇرغان. ماجارلار، يەنى ھونلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى نوپۇسى ھازىر 10 مىليون بولسىمۇ، قوشنا ئەللەردىكى ماجار، ساك، چاڭغولارنىڭ سانى 5 مىليونغا يېتىدىكەن.