«ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىستراتېگىيەسى» ناملىق كىتابتىكى ئۇيغۇرغا دائىر ئۇچۇرلار

0:00 / 0:00

يېقىندا ياپونىيە يوشىكاۋا كوبۇنكان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىستراتېگىيەسى» ناملىق كىتابتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن رۇسىيەدىكى تاتارلارغا دائىر بىر قىسىم تارىخىي مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر كىتاب جەمئىي سەككىز بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ بىرىنچى بابىدىكى «ياپونىيە-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ ئالدى‏- كەينىدىكى ياپونىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇچۇرلىرىغا بولغان قىزىقىشى» ناملىق بۆلىكىدە ياپونىيە ھەربىي ئارخىپلىرىدا ياپونىيە ھەربىي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئالاھىدە خادىمى ھاياشى كېنجىرونىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مەخسۇس ئۇچۇر ئىگىلەشكە بارغانلىقى توغرىسىدا بەزى بىر بايانلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا:«ياپونىيە-رۇسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھاياشى كېنجىرو شىنجاڭ توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ‹چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭ ۋە ئىلى› ناملىق يۈز بەتلىك دوكلاتنى تەييارلىغان. ئۇ، دوكلاتىنى شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە تەكسۈرۈشىگە ئاساسەن ھازىرلىغان. ھاياشى كېنجىرو 1906-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن 1909-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى غۇلجىغا كەلگەن. ئۇ غۇلجىدا 4-5 ئاي تۇرۇش جەريانىدا موڭغۇللار ھەققىدىمۇ كۆپ ئۇچۇر توپلىغان. كېيىن تارباغاتاي، چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بېرىپ رۇسىيە بىلەن بولغان چېگرالارنى تەكشۈرگەن ۋە 1910-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى دىخۇا يەنى ئۈرۈمچىگە كەلگەن. 5-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ ئارقىلىق ياپونىيەگە قايتقان» دېيىلگەن.

بىراق، مەزكۇر كىتابتا ياپونىيە ھەربىي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئالاھىدە خادىمى ھاياشى كېنجىرو يازغان يۇقىرىقى يۈز بەتلىك «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭ ۋە ئىلى» ناملىق دوكلاتتا نېمىلەرنىڭ دېيىلگەنلىكى توغرىسىدا توختالمىغان.

ئۇيغۇر ئېلىغا ئالاھىدە تەكشۈرۈشكە بارغان ياپونىيە ھەربىي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئالاھىدە خادىمى ھاياشى كېنجىرونىڭ كىملىكى ھەققىدىمۇ بۇ بۆلەكتە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا:«ھاياشى كېنجىرو چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى پۇ يىنىڭ ياپون تىلى ئېغىز تەرجىمانى ئىدى. ئۇ پادىشاھ پۇ يىغا تەرجىمانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ياپونىيە ھەربىي تەرەپكە ‹مەخپىي يىغىنلار دوكلاتى› ناملىق دوكلاتنى مەخپىي يوللىغان. ئۇ، خىتاي ۋە موڭغۇل تىللىرىنى پىششىق بىلىدىغان مەشھۇر دىپلومات ۋە ئالاھىدە ئۇچۇر خادىمى» دەپ تەرىپلەنگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن مۇستەقىل تەتقىقاتچى سېيجى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ:«ياپونىيە تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قىزىقىپ كەلدى. 19-ئەسىرىدىن باشلاپ ئافغانىستاندىكى ياپون ئەلچىخانىسى ۋە مانجۇرىيەدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى توپلىغان بولسىمۇ، بىراق ياپونىيە ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ياردەمدە بولالمىدى» دېدى.

كىتابنىڭ «گېرمانىيە ئافغانىستان، مانجۇرىيە ۋە شىنجاڭغا ئارقا سەپتىن ياردەم بەرمەكچى بولغان» دېگەن بۆلىكىدە بولسا، گېرمانىيە تەرەپنىڭ ئافغانىستان پادىشاھى ھەبىبۇللاخان بىلەن ئالاقىلىشىپ، گېرمانىيەنىڭ ئافغانىستان، تۈركىيە، خىتاي ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىدا دىپلوماتىك ۋەزىپە ئۆتىگەن، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ 3-دەرىجىلىك ئوفىتسېرى ھېنتىگنى ئافغانىستانغا ئەۋەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئارقىلىق ئافغانىستان پادىشاھى ھەبىبۇللاھخانغا 10 مىڭ دانە مىلتىق، 300 زەمبىرەك بېرىپ، ھىندىستاندىكى مۇسۇلمان كۈچلەر بىرلىشىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۈندىگەنلىكى توغرىسىدا توختالغان. ئۇنىڭدا يەنە، گېرمانىيەلىك ھېنتىگنىڭ 1915-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە تەرەپنىڭ ئافغانىستان پادىشاھى ھەبىبۇللاھخانغا يازغان خېتىنى ۋە قورال-ياراقلارنى تۆگىلەرگە بېسىپ ئىستانبۇلدىن يولغا چىقىپ 9-ئاينىڭ 26-كۈنى كابۇلغا يېتىپ كەلگەنلىكى ۋە پادىشاھ ھەبىبۇللاھخان بىلەن كۆرۈشۈپ، قورال-ياراقلارنى تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن شۇنداقلا بۇ ئۇچرىشىشقا تۈركىيە تەرەپتىن قاسىم بەي ئىسىملىك بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ قاتناشقانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇ بۆلەكتە يەنە، گېرمانىيەلىك ھېنتىگنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملاپ، دەرھال ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۈركىيە ئارمىيەسى ئارقىلىق ياردەم يەتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، بىراق ئەنگلىيە، رۇسىيە تەرەپ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەنى قەشقەردىكى بۇ ھەرىكىتىنى سىزىپ قىلىپ، خىتاي تەرەپكە ھېنتىگنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنلىكىنى، كېيىن خىتاي تەرەپ بېيجىڭدىكى گېرمانىيە ئەلچىخانىسىغا ھېنتىگنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ياڭ زېشىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەردە تۇتقۇن قىلىنىپ 1916-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

كىتابنىڭ «ياپونىيە، گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا بولغان سىياسىي كۆز قاراشلىرى» دېگەن بۆلىكىدە بولسا، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى باش شتابى رۇسىيەنىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىكى تاتارلاردىن پايدىلىنىش ئۇلار بىلەن بىرلىشىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى باش شتابىغا دوكلات يازغانلىقىمۇ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا: «19-ئەسىردە تاتار كارۋانلىرى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلىپ بەلگىلىك دەرىجىدە تۈركىستانلىقلار ئىچىدە تەسىر پەيدا قىلدى. تاتارلارنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئىدىيىسى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشتى. تاتار سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇ ئىدىيىسى تۈركىستان تۇپراقلىرىغا ھەتتا شىنجاڭغا قەدەر كەڭ تارالدى. تاتارلار مانجۇرىيە دائىرىسىدىكى خاربىن، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت قاتارلىق شەھەرلىرىگىچە بېرىپ تىجارەت قىلىپ، بۇ يەرلەردە بەلگىلىك ئىقتىسادىي تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ رايونلاردا تاتارلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي جەمئىيەتلىرى بارلىققا كەلدى» دېيىلگەن.

يۇقىرىقى دوكلاتتا دېيىلگەن تاتارلارنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئىدىيىسى بولسا، ئەينى زامانلاردا تاتار ئىسلام دىنىي ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا تەشۋىق قىلىنغان «جەدىتچىلىك ھەرىكىتى» يەنى يېڭىلىق ھەرىكىتى بولسا كېرەك.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.