1-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2014-يىللىق تۇنجى پائالىيىتىنى توكيودىكى ياسۇكۇنى بۇزۇرۇھۋالار مازىرىدىن باشلىدى.
ياپونىيەدىكى بۇددا شىنتو دىنىي ئىبادەتخانىلىرى يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپلىگەن تاۋاپ قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋالىدۇ.
ياپونلار ئائىلە بويىچە ئىبادەتخانىلارغا بېرىپ بۇتقا باش ئۇرۇپ، روھلارغا سېغىنىپ، سەدىقە بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ بىر يىللىق تىلەكلىرىنى تەڭرىدىن تىلىشىدۇ.
بۈگۈن توكيودىكى ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازىرى ئادەم تاشقىنىغا تولغان بولۇپ، مازاردىكى بىر تۈپ دەرەخكە ئېسىلغان، سوغۇق شامالدا لەپىلدەپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتسا، قوللىرىدا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تۇتقان بىر توپ ئوغۇل-قىزلارنىڭ «ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار!»، «بىگۇناھ ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!»، «ئۇيغۇرلار ياردىمىڭلارغا موھتاج!» دېگەندەك جاراڭلىق ئاۋازلىرى تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەن.
ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازىرى ياپونىيەدىكى شىنتو دىنىنىڭ ئەڭ بۈيۈك مازارلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ مازارلىققا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپون ئىمپېرىيىسى ئۈچۈن ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ياپون ۋە چەتئەللىك ئەسكەرلەر دەپن قىلىنغان شۇنداقلا بۇ مازارلىقتا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسى «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ ئېلان قىلغان 14 نەپەر ياپونىيەلىكنىڭمۇ قەبرىسى بار.
ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازىرى ياپونلارنىڭ نەزىرىدە قەھرىمانلار مازارلىقى دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ياپونىيەنىڭ قوشنىسى بولغان خىتاي بىلەن كورېيە بۇ مازارلىقنى ياپون مىللەتچىلىرىگە ۋە شۇنداقلا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىگە سىمۋول قىلىنغان مازارلىق دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازارلىقىنى ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ تاۋاپ قىلىشى، ياپونىيە بىلەن خىتاي ۋە كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا داۋاملىق دىپلوماتىك ماجىرالارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، بۈگۈنكى پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.