ياپونلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى سۆيگۈسى ۋە «ئاتلىق مىللەتلەر ئېلىپ كەلگەن ياپون تىلى» ناملىق ئەسەر
2015.04.27

يېقىندا ياپونىيە ھوسو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇقەددەس خانىم توكيودىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە دەم ئېلىۋاتقان 91 ياشلىق ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى ھىگاشى ئىۋوئو ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ھىگاشى ئىۋوئو ئۆزىنىڭ 2009-يىلى نەشر قىلىنغان «ئاتلىق مىللەتلەر ئېلىپ كەلگەن ياپون تىلى» ناملىق، 365-بەتلىك مەشھۇر تەتقىقات ئەسىرى بىلەن ياپونىيەدە تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ، ئۆز ئەسىرىدە ياپون تىلىغا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق، تىلشۇناسلىق ئىلمىي بويىچە شەرھلەپ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن ياپون تىلىنى سېلىشتۇرغان ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بەزى بىر قاراشلىرىنى يەكۈنلەپ چىققان.
ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى ھىگاشى ئىۋوئو ئۇيغۇر تىلىغا زور ئىشتىياق باغلىغان ياپونلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئون يىل ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، دوكتور مۇقەددەس خانىم بىلەن ئۇيغۇرشۇناس ھىگاشى ئىۋوئونىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېيتقانلىرى ۋە ئۇنىڭ «ئاتلىق مىللەتلەر ئېلىپ كەلگەن ياپون تىلى» ناملىق ئەسىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.