ياپونىيەلىك ژۇرنالىست يوشىدا ئىچىرونىڭ «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غايىب بولغان 183 دۆلەت» ناملىق 711 بەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت ئەسىرى ياپونىيەدە نەشر قىلىندى.
ژۇرنالىست يوشىدا ياپونىيە سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋاسەدا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىي بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان.
خىتاينىڭ شياڭگاڭدىكى «شياڭگاڭ پوچتىسى گېزىتى» قاتارلىق كۆپلىگەن گېزىت ۋە ژۇرناللىرىدا ئۇزۇن مۇددەت ژۇرنالىستلىق، باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. 2007-يىلىدىن باشلاپ ياپونىيەدە ژۇرنالىستلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا.
ئاپتور مەزكۇر كىتابىنىڭ ئون بىرىنچى بابىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دېگەن سەرلەۋھىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.
ئاپتور «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دېگەن تېمىسىنى مۇنداق باشلىغان: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، مەركىزى غۇلجا، 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇرۇلغان.
ژۇرنالىست يوشىدا تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىرقى خىتايدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا يەنە غەربىي تۈركىستاننىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلىپ، غەربىي تۈركىستاننىڭ تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئاپتور يەنە تۈركىستان ئاتالغۇسى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركىستان دەپ ئاتالغان تۇپراقلارنىڭ تۈركىي خەلقلەرگە مەنسۇپ زېمىنلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ژۇرنالىست يوشىدا ئەسىرىدە 1944-يىلى 8-ئايدا ئىلىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر پارتىزانلىرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باشلىشى بىلەن 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى پۈتكۈل ئىلىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، بەش كۈندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئاپتور ئەسىرىدە جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئىلىخان تۆرىنىڭ دىنىي ئۆلىما بولغانلىقىدىن ئۇنىڭ ئىسلام دىنىڭ ئەقىدىلىرىگە خاس ھالدا ھاكىمىيەت قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش نىيىتى بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ دىنىي ئارزۇسى بىلەن دۆلەت قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش غايىسىگە يىتەلمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ژۇرنالىست يوشىدا ئەسىرىدە 1945-يىلى 9-ئايدا شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسى توساتتىنلا موسكۋانىڭ بۇيرۇقى بىلەن دىخۇا يەنى ھازىرقى ئۈرۈمچى ئەتراپىدا ئالغا ئىلگىرىلەشتىن توختىلىپ قويۇلغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ؛«شۇ يىلى 8-ئايدا خىتاي ھاكىمىيىتى سوۋېتلار بىلەن دوستلۇق كېلىشىمى ھازىرلاپ، تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا يول قويۇپ، سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ مانجۇرىيەدىكى بارلىق تەلەپلىرىنى ئورۇنلاشقا قوشۇلغان. ئەمما سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلغان»دەپ كۆرسەتكەن.
يوشىدا ئەسىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ،مىللەتلەر باراۋەر بولغان ئاپتونومىيە قۇرۇشنى تەرغىب قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن
ئەسەردە «1946-يىلى 1-ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى يەنى 11 بېتىم تۈزۈلۈپ 6-ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ئۆز-ئارا كېلىشىشى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى» دېيىلگەن.
يوشىدا ئەسىرىدە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلىخان تۆرە تىنچلىق كېلىشىمىگە قارشى چىقىپ، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، سوۋېتلار ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئۇنى دەرھال كۆزدىن غايىب قىلدى» دېگەن.
يوشىدا ئەسىرىدە 1949-يىلى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگەنلىكىنى، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇچرىشىپ پىكىر ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 8-ئايدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق سىياسىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا سەپەرگە چىققان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى «سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېلىنىپ، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈلدى» دەپ بايان قىلغان.
ئاپتور ئەسىرىدە يەنە «يېقىنغا قەدەر خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاشكارىلىغان بەزى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونا ئارخىپلىرىدا شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن» دەپ بايان قىلغان.
ئەسەردە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانلىشىدا ۋەيران بولغانلىقىنى ئالغا سۈرگەن.
ئاپتور ئەسەردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرغانلىقىنى، كېيىن خىزمىتى بېيجىڭغا يۆتكىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىگە ئەگىشىپ خىزمەت قىلىپ، 2003-يىلى بېيجىڭدا ۋاپات بولغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.
ئەينى يىللاردا غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ مېيىت نامىزىغا ئىشتراك قىلغان، ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى رىزا سەمىدى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.