ياپونىيىدە «خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش» دوكلات يىغىنى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې جانابلىرى 21-فېۋرالدىن باشلاپ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى. شىنزو ئابې 22-فېۋرال ئاقسارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبا بىلەن كۆرۈشۈپ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى، رايون بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

خىتاي دۆلىتى ياپون، ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىنى پۈتۈن دىققەت-ئېتىبارى بىلەن كۆزىتىۋاتقان جىددىي بىر پەيتتە، ياپونىيىدىكى مىللەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن دەستۇر ياپونىيە پارتىيىسى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى توكيودا «خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش» دوكلات يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. دەستۇر ياپونىيە پارتىيىسى ياپون مىللەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلات 2010-يىلى 2-فېۋرالدا فىلىم ئىشلىگۈچى ساتورۇ مىزۇشىما ۋە سابىق ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى توشىئو توموگامى قاتارلىق ياپون ئوڭچىلىرىنىڭ تەشكىللىشىدە قۇرۇلغان. مەزكۇر سىياسىي پارتىيە خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىغا ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بارغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى توكيودا كۆپ قېتىم نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللەتچى سىياسىي تەشكىلاتىدۇر. ئۇندىن باشقا دەستۇر ياپونىيە پارتىيىسى 2012-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا 14 نەپەر شياڭگاڭلىق خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن كېمە ئەترىتى سېنكاكۇ ئارىلىغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە خىتاينىڭ بايرىقىنى تىكلىگەن، خىتاي پۇقرالىرى سېنكاكۇ ئارىلىغا ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇم قىلغان ھەرىكەتلەردىن كېيىن، 150 نەپەر كىشى، 20 كېمىدىن تەركىب تاپقان ياپون مىللەتچىلىرى ئەترىتىنى باشلاپ سېنكاكۇ ئارىلىغا بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ ياپون بايرىقىنى تىكلىگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى «خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش» دوكلات يىغىنى خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۈچىنىڭ تەسىرىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ توختىماي سېنكاكۇ ئاراللىرى،ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان. بۇ قېتىمقى يىغىن ياپون مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن ياپون خەلقىنىڭ، ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى ئاشۇرۇش، ياپونلارنى ئويغىتىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان يىغىن دەپ قارالماقتا. يىغىنغا ياپونلاردىن باشقا خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

بىز مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىزلەر.