ياپونلار يېڭى يىلنى ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساسىدا قۇتلىشىدۇ. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار بولسا، بىر يەرگە توپلىشىپ، ھەر-خىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش، يۇرت ماكانلىرى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش پائالىيەتلىرى جەريانىدا ئۆگىنىش، تەتقىقات، تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتتە ئۆز-ئارا پىكىرلىشىدۇ.
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار يەنە، بۇ خىلدىكى يېڭى يىلنى تەبرىكلەش سورۇنلىرىدا ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى توغرىسىدا توختىلىپ، يېڭى بىر يىلدا دۇنيا مىقىياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا پىكىر يۈرگۈزىدۇ.
بۈگۈن، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گۈلىستان خانىم، ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنى ياپونىيە پەلسەپە تەتقىقات ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەن، ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەرجان ئابدۇراخمان ۋە باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم قاتارلىقلار ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېڭى يىل پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ 2015-يىلىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچى ھەمدە ئۇيغۇر داۋاسىدىن كۈتىدىغان يېڭىچە ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.